− پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» «مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك»، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي پىلانلاندى، «پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە <قارار>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر نىيەتتە ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى.
«ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك»، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى دەل مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرمىنى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى تۇتۇشتا. مەركەز قاتلىمىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىش، قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىشىغىچە، يەنە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چوڭقۇر نازارەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈشىگىچە... پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاش ـ تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا قۇرۇش، بىر پۈتۈن قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ياخشى تەدبىر چىقىرىلغان، ياخشى پىلان تۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتقاندىلا، ئاندىن ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپلىرى، مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىللىك، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھاتتا پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تۈردە شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قۇرۇق نامىلا بار ئوبراز قۇرۇلۇشى، خەلققە جاپا سېلىپ مال ـ مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.» ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيەۋى لۇشيەنى، ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ تۈپ تەلىپى، شۇنداقلا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكى ۋە سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەك. يولغا قويۇش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، دەل ۋاقتىدا بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، بىر مەقسەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىش كېرەك. «خەلق ئاممىسى بىپايان كۈچ دېڭىزى بولۇپلا قالماي، يەنە چەكسىز ئەقىل ـ پاراسەت دېڭىزى.» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھات ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى سىنىغاندىلا، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى چوقۇم شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى ئاتلىنىش. پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى يارىتىشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)