تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىن «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۇنجى تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى مەخسۇس پويىزى قاتنىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى سائەت 12دە، 2000 توننا ئاليومىن تاياقچىسى قاچىلانغان بىر تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ تيەنجىن يېڭى پورتى شىمالىي ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، بۇ پويىز تيەنجىن پورتىدا پاراخوت بىلەن دېڭىزدىن ئۆتۈپ گۇاڭجوۋ نەنلى پورتىغا يېتىپ بارىدۇ، بۇ، شىنجاڭدىن قاتنىغان «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۇنجى تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى مەخسۇس پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

7 ـ ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريولى يۈك ساندۇقى تىرانسپورتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شاڭخەي جۇڭگۇ ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالى − يېڭى پورت شىمالىي ۋوگزالى − تيەنجىن پورتى − نەنلى پورتى» تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى يېڭى يولىنى ئاچتى.

«بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى مەخسۇس پويىزىدا پۈتۈن مۇساپىلىك تىرانسپورت كۈچىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىش تۆمۈريولدىلا تاماملىنىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىپ، «بىر پارچە توشۇش تالونى بىلەنلا پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۆمۈريول تىرانسپورتى بىلەن دېڭىز تىرانسپورتى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ.

ئەنئەنىۋى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتقا سېلىشتۇرغاندا، «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى مەخسۇس پويىزىدا ئىلگىرىكى «ۋوگزالدىن ۋوگزالغا» توشۇش «ئىشىك ئالدىدىن ئىشىك ئالدىغىچە» توشۇشقا ئۆزگەرتىلگەن، «بىر قېتىم ھاۋالە قىلىش، بىر تالون بولۇش، بىر قېتىم راسچوت قىلىش، بىر يۈك ساندۇقى بىلەن ئاخىرغىچە يەتكۈزۈش» ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، تۆمۈريول تارماقلىرى پۈتكۈل ئەشيا ئوبوروتى ھالقىسىنى بىۋاسىتە بىرتۇتاش پىلانلايدۇ، خېرىدارلار بىلەن دېڭىز تىرانسپورتى، تاشيول قاتارلىق تارماقلار ئارىسىدىكى يۈك توشۇشنى كېڭىشىش، تالون ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىش، قىسقا يوللۇق توشۇش، مال ئالماشتۇرۇش، قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلار ئازايتىلىدۇ، بۇ، تىرانسپورت شەكلىنى تېخىمۇ جانلىق، قولايلىق قىلىپلا قالماي، يەنە كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.

«<بىر تالون تۈزۈمى>دىكى ئەشيا ئوبوروتىدا تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتىنى بىر پۈتۈن ھۆددىگە ئېلىش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خېرىدارلار پەقەت بىر قېتىم ھەق تاپشۇرۇپلا، پۈتۈن مۇساپىدىكى ھۆددىگە ئېلىپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى تۆمۈريول تارماقلىرىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى ماسلاشتۇرۇش ھالقىلىرى ئازايتىلىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئۈچۈن يېشىل يول بەرپا قىلىنىدۇ» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى شەرقىي جۇڭغار تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لى جاۋفېڭ.

كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۈك تىرانسپورتىدا مىقدارنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، يۈك تىرانسپورتى ئىتتىپاقى قۇرۇپ، كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتتا «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تىرانسپورتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.