تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«مېنىڭ ئالتىيىم»دىن «بىزنىڭ ئالتىيىمىز»غىچە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

باتاينىڭ تايچىقى، تۆكېن ۋە ئۇنىڭ كىر يۇيۇش تاختىسى... قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى نۇرغۇن تونۇش كۆرۈنۈشلەر بىردىنلا توڭلاتقۇ چاپلىقى، خەتكۈچ، پاشا قوغلاش بىلەيزۈكى، خاتىرە دەپتەر قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەتلەرگە ئايلاندى. تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئەگىشىپ ئالتايدا «داكا» قىلىش بىلەن بىللە، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى خاتىرە بۇيۇملىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ بۇ يىل يازدا ساياھەت قىلغاندىكى يېڭى تاللىشىغا ئايلاندى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى چۆرىدەپ، ئالتاي ۋىلايىتى كىنو - تېلېۋىزىيە IPسى ئارقىلىق كۈچ قوشۇشقا پائال تايىنىپ، شەھەر مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كىنو - تېلېۋىزىيە ۋە مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شىنخۇي مۇنداق دېدى: كىنو - تېلېۋىزىيە IPسى ئارقىلىق «ساياھەت قىزغىنلىقى»غا تۈرتكە بولۇش بىر خىل يېڭى يۈزلىنىش، شەھەر مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرىدۇ، جەمئىيەت تەسىرى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

قابا ناھىيەسى خۇاچېڭ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئەيچىيى بەرگەن «مېنىڭ ئالتىيىم» IPسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا تايىنىپ، جەمئىي 73 خىل يانداش مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى. 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ خىل 1000 دانە يانداش مەھسۇلات يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، قابا ناھىيەسىدىكى تۆت تىجارەت نۇقتىسىغا مال تولۇقلاپ بېرىشكە تېز سۈرئەتتە بۆلۈپ ئەۋەتىلدى. ئالتاي مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي، يەنە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ «ئېقىم مىقدارى مەخپىي شىفىرى»نى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق بىلەن مەدەنىيەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن بىرىكىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

شىنجاڭ ئاشەن ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «پېڭپېڭ ھارىقى»نى قايتىدىن لايىھەلەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؛ قابا ناھىيەسى ياجۈ چۇاڭفۇ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «ۋېنشيۇنىڭ مومىسى» ماركىلىق تۆگە تىۋىتى بەللىكىنى بازارغا سالدى؛ ئالتاي شەھىرى جىنياۋشى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى «مېنىڭ ئالتىيىم» يۈرۈشلۈك كەشتە ئەسەرلىرىنى لايىھەلەشتە يېڭىلىق ياراتتى... «IP تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بېرىش مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم پۇرسەت» دېدى قابا ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جىچىن.

قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى نۇرغۇن «داكا» قىلىدىغان يېڭى يەر بەلگىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن مەدەنىيەت - ساياھەت، سودا يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش بىلەن بىللە، يەنە ئەپچىللىك بىلەن سودا پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈلدى. قابا ناھىيەسى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى «باتاي دەرىخى» قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق جاينى چۆرىدەپ سەيخۇڭبۇلاق مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلدى، ساياھەتچىلەر «جاڭ فېڭشيا دۇكىنى»دىن مال سېتىۋېلىپ، «ناھايىتى ياخشى لەڭمەن» ئاشخانىسىدا گۇيرۇ لەڭمەننى تېتىپ، يېڭىچە چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ھازىرغىچە، بۇ مەنزىرە رايونى 77 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ۋېنشيۇنىڭ سومكىسى، ۋېنشيۇنىڭ مومىسىنىڭ ھاسىسى قاتارلىق كونا بۇيۇملار بۇرچىن ناھىيەسىدىكى مۇخۇن ئائىلىۋى مېھمانخانىسىدىن چىققان. مۇشۇ قىزغىنلىقتىن پايدىلىنىپ، بۇرچىن ناھىيەسى بۇ ئائىلىۋى مىھمانخانىنىڭ ئائىلىۋى كۆرگەزمىخانىسىنى تەتقىقات - ئۆگىنىش نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھەتچىسىنى كۈتۈۋالدى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تور «ئېقىم مىقدارى»نى «داكا» قىلىدىغان ئادەم ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، «مېنىڭ ئالتىيىم» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى: 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، بىر مەيدان كەڭ دالا مۇزىكا كونسېرتى قابا ناھىيەسىدە «ھەسەن - ھۈسەن ۋە بۇلاقنىڭ ناخشىسى»نى ياڭراتتى؛ قابا ناھىيەسىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئورتېكې ئويۇنى قويۇلىدۇ، ساياھەتچىلەر كىلاسسىك ۋەقەلىكلەرنى ھەمتۈرتكە بولۇپ ھېس قىلىشقا قاتنىشالايدۇ؛ بۇرچىن ناھىيەسى قەرەللىك ھالدا كىتاب ئوقۇپ ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى، قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش، مىكرو تىياتىرخانا قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى؛ چىڭگىل ناھىيەسى «قارا سوپۇن» قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى داكا ھېس قىلىش نۇقتىسى بەرپا قىلدى؛ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يايلاق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ جىمىنەي ناھىيەسى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى...

بۇ يېڭى مەنزىرە، يېڭى پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنى ئالتايدا ساياھەت قىلىپ تاماشا قىلىپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكنىڭ جېنى. كىنو - تېلېۋىزىيە قىزغىنلىقى سۇسلاشقاندا، شەھەرلەر ساياھەت قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قالالامدۇ - يوق، ئەڭ ئاخىرىدا سىنايدىغىنى يەنىلا شۇ جاينىڭ ئادىمىيەت ئاساسى.» بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ لېي مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەتلەرنى دائىملىق ئېلىپ بېرىشنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ مودا ئېقىمنى ئىپادىلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى «باھار سۈيى»دەك جانلاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.