تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئالىمىز

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئالىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى:

ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولىمىز

7 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت پوزىتسىيەسى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پۇختا ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتى ۋە «قارار»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇھىم ھۆججەت ـ ئارگىناللىرىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش مېخانىزملىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىغىن ھۆججەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەييارلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» بىر تۈركۈم زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىسلاھات روھى ئارقىلىق كېيىنكى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئىش تەرتىپىنى قايتا ئورنىتىش ۋە نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى:

ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرىمىز

7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى ۋە ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «قارار» ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ـ قانۇن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرى، كونكرېت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش خەرىتىسى قىلىپ، ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى ئورگىنىدىكى ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى، ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانىلار، ھەرقايسى مەركەزلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «قارار»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى سىياسىي ـ قانۇن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى:

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز

7 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى بۆلۈم ھەيئەتلىرى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زوۋ لىڭچۇن مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ياخشى ئۆگىنىمىز، ياخشى تەشۋىق قىلىمىز، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمىز. «قارار» دىكى «جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ھازىرقى باسقۇچتىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى يىغىپ بېجىرىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، «ئىككى كارخانا، ئۈچ يېڭى» پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى، جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت «ئالتە چوڭ سىستېما» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى ساھەسىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى:

ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئىدارە سىستېمىسىدا ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى يەن مېي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتىمىز، ياخشى تۇتىمىز. ئىدىيە ئەمەلىيىتى ۋە ئىش ئورنى ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قايتا ـ قايتا ئۆگىنىپ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يېڭى دەۋردىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش ۋە چارىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملايمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى:

سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلەيمىز

7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گورۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دۇ خۇڭيەن مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى پۇختا ئىشلەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، چەتكە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى:

خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت دېلولارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى بېجىرىمىز

7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى ۋە بارلىق تەپتىش خادىملىرى باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىجىل تۈردە قانۇنچىللىق يولىدا مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى قوغداپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ۋەزىپە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، «تەپتىش كارخانىلارنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، پائال مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. «تەپتىش خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر دېلولارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى بېجىرىپ، خەلق ئاممىسى ھېس قىلالايدىغان، سېزىپ يېتەلەيدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدىغان خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ شياڭ، ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن، فاڭ جياۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.