تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 ـ قېتىملىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشۇش توغرىسىدا پىكىر ـ تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

«پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈش» «مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»... يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئون ۋەكىلى يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى؛ سىرتتىن قاتناشقان ئون ۋەكىل يازما پىكىر ئالماشتۇردى. زۇمرەت ئوبۇل كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنىڭ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىنىپ، پائال قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىن قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «قارار»دا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، جانلىق مىساللار، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، بەختلىك تۇرمۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە خەلق رايىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىك خەلق رايىنى ئىپادىلەش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

لى نىڭپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.