تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوتتۇرا مۇساپىگە كەلگەندە تېخىمۇ ئالدىدا مېڭىش

− ئېلاستىك كۈچ، ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتىن شىنجاڭ ئىقتىسادىغا نەزەر

7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئىشچى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى قۇمباغ مەھەللىسىگە جايلاشقان شىنجاڭ جىڭيى توقۇمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، بۇ شىركەت پۈتۈن كۈچ بىلەن 1800 توننا يىپ ئېگىرىش زاكاز مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىپ، بازار تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. □باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلاتى» يېقىندا ئېلان قىلىندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 921 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان.

يەرشارىۋى ئىقتىساد ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، شىنجاڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى»نى زىممىسىگە مەھكەم ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، دەۋر تومۇرى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، پائال ياخشىلىنىش قەدىمىنى باستى.

ئوتتۇرا مۇساپىگە كەلگەندە تېخىمۇ ئالدىدا ماڭدى. «ئالدىنقى يېرىم مەيدان»دا ياخشى ئويناپ، ئىپادىسى ياخشى بولدى، بۇ، «كېيىنكى يېرىم مەيدان»دا جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

ئېلاستىك كۈچ: «ئورۇن» چىڭ كۆزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى

7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يازلىق كىيىم ـ كېچەك لىق بېسىلغان يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ۋېنگىرىيەگە قاراپ ئۇچتى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ چېگرا رايون مېھمانخانىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى شەكلىدىكى ئېكسپورت سوممىسى رېكورتى يېڭىلاندى.

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2215 ئاشتى، چېگرا رايون مېھمانخانىسىنىڭ بۇ خىل تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىدە مىقدارنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتنى مۇقىملاشتۇرۇشى شىنجاڭنىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى بولۇش رولىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.

ئىقتىسادنى كۆزىتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاشقى سودا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا ـ ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتماقتا. سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 18 پورت ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان «ئالتۇن يول»دا شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ «ئالتۇن قىممىتى» قويۇپ بېرىلدى − ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 220 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.4 ئاشتى.

بۇ ئېشىش شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىك كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش كۆزلىمىسى ۋە ئىشەنچنى يەتكۈزدى.

ئالاھىدە ئەھۋالدا بىر رايون ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ سىنىغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىش ۋە قارا چاپلاشتەك ئۇششاق ھەرىكەتلىرى ھېچقاچان توختاپ قالمىدى. چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىسى، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

ئۇزاق تاۋلانغان پولات ئەڭ چىڭ بولىدۇ، قار ـ شىۋىرغانلارنى باشتىن كەچۈرگەن قارىغاي ئەڭ تىك ئۆسىدۇ. 2023 ـ يىلى − ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل بولدى. شىنجاڭنىڭ GDP، سېلىنما، ئىستېمال، ئىمپورت ـ ئېكسپورت، مالىيە، ئاھالىلەر كىرىمىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەش ئورۇننىڭ ئىچىدە تۇردى.

بىر قەدەر يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغان شىنجاڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنىلا %5.4لىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېرىم يىللىق نەتىجە قەغىزىنى ۋاراقلىساق، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ مۇقىم، كەسىپ تىرىكىنىڭ مۇقىم، ئېھتىياج تۈرتكىسىنىڭ مۇقىم، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنىڭ مۇقىم بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

بۇنىڭغا ماس ھالدا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى − تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى؛ نۇقتىلىق بۆلەك رايونلاردا نېفىت ـ تەبىئىي گازنى چارلاش، ئېچىش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 240 مىليون توننا بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 4 ـ ئورۇندا، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى؛ يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىدا شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز بولدى؛ كۈزگى بۇغداينىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە ئۇدا 1 ـ ئورۇندا تۇردى...

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈلۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە سىجىل بارلىققا كەلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى ئىچىدىكى پەن ـ تېخنىكا چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61 ئاشتى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ۋە باتارېيەسى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىق يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قارىتا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كۈچى، تىرەك بولۇش كۈچىنى نامايان قىلدى.

يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى... ئالدىغا قاراپ تاشلانغان ھەربىر قەدەمنىڭ ھەممىسى چىڭ ئىرادە بىلەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىن كەلدى.

ھاياتىي كۈچ: كۆپ ساھە «گۈللەپ ياشنىدى»

7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شياۋمى پەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىر لېي جۈن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا سىن يوللاپ: ئۆزىنىڭ شياۋمى SU7 ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئالتايغا بېرىپ خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، ئارام ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، بۇ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

شىنجاڭ ئىزچىل كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر بېرىشنى ئويلايدىغان «ئارزۇدىكىدەك جاي».

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ جەمئىي 120 مىليون 179 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.28 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 131 مىليارد 657 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.39 ئاشقان.

7 ـ ئايدىكى ساياھەتكە دائىر كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 8 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولغان يازلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن زاكاز قىلىنغان شىنجاڭغا بېرىپ كېلىش ئايروپىلان بېلىتى مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %27 ئاشقان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە بەس ـ بەستە تاپشۇرغان يارقىن «يىل ئوتتۇرىسىدىكى نەتىجە قەغىزى»دىكى ھەربىر «يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىش» «بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش»لار ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان شىنجاڭنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

«سىياسەت ئۈنۈمىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىش داۋامىدىكى ئاكتىپ ئامىللار جۇغلىنىپ، يارقىن نۇقتىلار كۆپىيىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ نامايان قىلىندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ.

مۇنبەت تۇپراقتا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 515 مىڭ 100 (بىڭتۇەندىكى 273 مىڭ تىجارەت سۇبيېكتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.6 ئاشقان. ئىستاتىستىكىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن كۆلەمدىن يۇقىرى(نورمىدىن يۇقىرى) كارخانىلار سىجىل كۆپەيگەن، 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن قانۇنىي ئىگە ئورۇن 25 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 3000ى كۆپەيگەن. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار دۇنيا سەھنىسىدە چاقناپ تۇرغان «شىنجاڭ نام كارتىسى»غا ئايلاندى، سانسىزلىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارمۇ بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك، ئاسىيا ـ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا توپلىنىپ، يۇلتۇزلاردەك چاقنىدى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

پۇقراۋى ئىگىلىكنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۆزىتىشتىكى يەنە بىر كۆزىتىش نۇقتىسى قىلىشقا بولىدۇ. تىپىك «مۇھىت ئىگىلىكى» بولۇش سۈپىتىدە، قەيەرنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ياخشى بولسا، كارخانىلار شۇ جايغا ماكانلىشىدۇ، مەبلەغمۇ شۇ جايغا قاراپ ئاقىدۇ.

ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى شىنجاڭغا نەزەر سالساق، كۆلەمدىن يۇقىرى پۇقراۋى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىدىن 7.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدىن 6.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

شارائىت ھازىرلانسا، كېلىدىغانلار ئۆزلۈكىدىن كۆپىيىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ھەم غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارادىكى ئەلا سۈپەتلىك مۇھىم ئامىل بايلىقىنى جەلپ قىلىدىغان «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى»غا ئايلاندى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى شىنجاڭغا ئۈمىد باغلىدى، شىنجاڭنى تاللىدى.

دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىكى تەيپىڭياڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى، شەنشى قۇرۇلۇش پاي كونترول گۇرۇھى، جۇڭگو ديەنجيەن گۇرۇھى، گۇاڭجوۋ تېببىي دورىگەرلىك گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلار ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ماكانلاشتى؛ دۆلەت مۈلكىدىكى مەركەز كارخانىلىرى مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئېنېرگىيە ئېچىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە پائال ئاتلاندى؛ يېقىندا ئاياغلاشقان 8 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە 360تىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالاندى، كېلىشىم سوممىسى 610 مىليارد يۈەندىن ئاشتى... بۇلارنىڭ ھەممىسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا ئورۇنلىشىشتىكى قەتئىي ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىمۇ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ماس قەدەمدە ئىسپاتلىماقتا. «ئالدىنقى يېرىم مەيدان»دىكى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىن كىشىلەر پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادقا تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد باغلىدى، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچكە ئىگە بولدى.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا جان تىكىپ ئېلىشىش

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت داۋاملىشىۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، ئاساسلىق ماكرولۇق كۆرسەتكۈچلەر كۆزلىمىگە ئۇيغۇن. نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، يەنە تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا جەزمەن توغرا قاراش كېرەك، مەسىلەن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر يەنىلا ئىنسانىي ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنى سىجىل باسماقتا؛ مەسىلەن، ئىستېمال ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ تەسىراتى بىلەن ماكرولۇق سانلىق مەلۇمات ئارىسىدىكى «تېمپېراتۇرا پەرقى» زورايدى.

ئىسلاھ قىلغۇچىلارلا ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىش كېرەك.

بۇ يىلدىن بۇيان، بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەر زىچ چىقىرىلىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى سىجىل نامايان بولدى −

تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق مۇلازىمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى؛

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان 19 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛

ئىستېمالنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار يولغا قويۇش لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلىپ، ئىستېمال «موتور»ى قوزغىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى؛

كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، «1 + 10 + 1» سىياسەت سىستېمىسى تۈزۈپ چىقىلىپ، دىققەت نۇقتىلىق ساھەلەرگە كۈچەش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، يوشۇرۇن ئىستېمال قوزغىتىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇندى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېتىلدۈرۈلدى.

...

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر مەيدان توختىماي داۋاملىشىدىغان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى.

3 ـ پەسىلگە كىرىپ، كېيىنكى يېرىم مەيداندىكى جەڭگە ئاتلىنىپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە، شىنجاڭ ئىقتىسادى پۈتۈن يىللىق ئېشىش نىشانىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟

ئەمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن پۇرسەت، ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەسىلە، يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نىشانلىق ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون 2024 ـ يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى مەھكەم تۇتۇپ، ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، 3 ـ پەسىللىك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككى قېتىملىق يىغىندا شىنجاڭنىڭ «كېيىنكى يېرىم مەيدان»دا جان تىكىپ ئېلىشىش غەيرىتى تولۇق يەتكۈزۈلدى.

قولىدا «ئالدىنقى يېرىم مەيدان»دا سالغان ئاساس ۋە ئىشەنچنى تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتى بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىنى تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىش گىرەلەشكەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىپ، شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.