تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ 1 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتى 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى 1 ـ قېتىملىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىز پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى» مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى؛ شىنجاڭنىڭ 2024 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۈرۈشۈشى ھەم خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، شىنجاڭنىڭ كاپىتال بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ھەم نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ ـ خەتەر ئەھۋالى ھەم ئۇنى تۈگىتىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مەخسۇس پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى مېڭىپ، پارتىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈم ـ مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنى بىلىش، پۇل مۇئامىلىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بولۇپمۇ سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ بۇ تۈپ ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۆي ـ زېمىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى، يەرلىكتىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش، پۇختا ساقلاش كېرەك. «پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بىر تەرەپ قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەركەز ئورۇنلىرى بىلەن جايلارنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بارلىق پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك؛ ھەرقايسى ساھە، تارماقلار ئاساسلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «ساھەنى باشقۇرۇشتا جەزمەن خەۋپ ـ خەتەرنى باشقۇرۇش» تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورنى ۋە ئىدارە قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاشلىق، ياغ، پاختا، باغ ـ ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر ھەمدە يېزا ئۇل ئەسلىھەسى، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە بايلىقى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنى قوللاشقا دائىر سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، «شىنجاڭغا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ياردەم بېرىش» قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.