تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشىنىڭ شاڭلو شەھىرى جاشۇي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول كۆۋرۈكىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئاساسىدا، دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلار ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنى قايتا بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، قايتا تۈزەش كېرەك. ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىپ، قىيان ئاپىتى، گېئوئاپەت قاتارلىقلاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئېلان قىلىش كېرەك؛ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە يۆتكەپ چىققىلى بولۇش، ئىشلەتكىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يول قاتنىشى، كۆمۈركان، ساياھەتچىلىك قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئالاقىدار تارماقلار «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جان تومۇرىنى قەتئىي چىڭ ساقلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ياخشى مەسلىھەتچى، ياخشى ياردەمچى، ياخشى خىزمەتداش بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ساپاسى ياخشى، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار قوشۇنىنى تېز قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغىشى كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ(مەمۇرىيەت شۆيۈەن)لىرى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى قارار ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات تاراتقۇلىرى كۆپ نۇقتىدىن، كۆپ قاتلامدىن تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە مۇتەخەسسىس ـ ئالىملار دىققەتنى نۇقتىلىق تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە مۇھاكىمىسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ تاشقى تەشۋىقات ـ تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى زۆرۈر دەرسلىك، دائىملىق دەرسلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنىڭ قاتتىق چەكلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىقى مول ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم كۈچ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئىدىيەۋى يۈكسەكلىك ۋە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان قەلب بىلەن، غەربىي قىسىم پىلانى خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. پىدائىيلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ كۈچنى ياخشى باشقۇرۇشى، ياخشى ئىشلىتىشى كېرەك. سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پىدائىيلارنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىش، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىش، شىنجاڭدا قېلىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيدىغان سىياسەت ـ تەدبىر سىستېمىسى ئۈستىدە پائال مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىن ھېسسىيات ئارقىلىق ئادەم ئېلىپ قېلىش، كەسىپ ئارقىلىق ئادەم ئېلىپ قېلىشتىكى ئۇسۇل، يوللارنى كېڭەيتىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. رەھبەرلىك مېخانىزمى ئورنىتىپ، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىش، باشقۇرۇش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش قاتارلىق پۈتۈن جەرياندىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق كومىتېتى، جەمئىيەت خىزمىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانى خىزمىتىنى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.