تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 7 مىليارد 250 مىليون جىڭ ئاشتى

    گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 7 مىليارد 250 مىليون جىڭ ئاشتى، يېقىنقى توققۇز يىلدىن بۇيانقى يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولدى، بۇنىڭ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇقرالارنىڭ مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا رولى كۆرۈنەرلىك بولدى.

    خەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتا، ئاساسلىقى، مۇنداق ئىككى سەۋەب بار:

    بىرىنچى، كۆلەم مۇقىملاشتى، بۇ، ھوسۇلنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسى. بۇلتۇر ھەرقايسى جايلار كۈزلۈك تېرىلغۇدىكى پايدىسىز شارائىتقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، تېرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يازلىق يىغىۋېلىنغان بۇغداي كۆلىمى 346 مىليون موغا يېتىپ، تارىختىكى يۇقىرى پەللىدىن يەنە 475 مىڭ مو كۆپەيدى.

    ئىككىنچى، بىرلىك ھوسۇل ئاشتى. بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتا سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق، مۇنبەت ئېتىز، ياخشى پۇرسەت، ياخشى ئۇسۇلنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ياخشى سىياسەتمۇ بار. بۇ يىل يازغى بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ مۆلچەرى مۇقىملاشتۇرۇلدى. بۇ ئىككى يىلدا يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى دىققىتىنى كۆممىقوناق، بۇغداي، دادۇر قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بۇغداي تېرىش جەھەتتە يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، يەر تۈزلەش، تېرىغاندىن كېيىن باستۇرۇش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى توپلاپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاچقۇچلۇق دېھقانچىلىق پەيتىدە «بىرنى پۈركۈش، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش» بىلەن تولۇق قاپلاشنى يولغا قويۇپ، كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، جىددىي ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، يازلىق يىغىم مەزگىلىدە 600 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق كومبايىننى رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشقا تەشكىللەپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، زىياننى ئازايتىش جەھەتتە بىرلىكتە كۈچىدى.

    (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ۋاڭ كەيبو، چېن بو)

    پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.