تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسىدىكى «پەن - تېخنىكا تۈسى»

مەنبە: شىنخۇا تورى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كىچىك دوستلار 8 - نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسىدە شوپۇرسىز ئادەملىك ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىسىنى چۈشەنمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭيى فوتوسى

   كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 8 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسىدە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل ئېنېرگىيە، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەردىكى «پەن ـ تېخنىكا تۈسى» تولۇق بولغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاماشىبىنلار جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسىدە ماشىنا ئىتنى سۈرەتكە تارتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ چاۋ فوتوسى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كىچىك دوستلار جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسى كۆرگەزمە سارىيىدا يېشىل ئېنېرگىيە زاۋۇتىنىڭ قۇم مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ يىكەي فوتوسى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تاماشىبىنلار 8 - نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسىدە «پۇراق ۋاقىت ماشىنىسى»نى ھېس قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭيى فوتوسى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تاماشىبىنلار جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا «شىر ئۇسسۇلى ئوينايدىغان ماشىنا ئىت» بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ يىكەي فوتوسى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كىچىك دوستلار جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم بىلەن شاھمات ئوينىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ چاۋ فوتوسى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كىچىك دوستلار 8 - نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسىدە ئۇچۇش مەشىق ئۈسكۈنىسىنى ھېس قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭيى فوتوسى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تاماشىبىنلار جەنۇبىي ئاسىيا يەرمەنكىسى كۆرگەزمە سارىيىدا ئېلېكتىرىك تىك ئۇچۇپ - قونىدىغان ئۇچقۇنى كۆرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ يىكەي فوتوسى

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.