تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھاۋا ئىسسىغاندا دېرىزىنى ئېچىپ ئۇخلىسا ياخشىمۇ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئۇخلىسا ياخشىمۇ؟ دوختۇرنىڭ جاۋابى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى!

مەنبە: ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى

   يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئادەم كېچىدە ئۇخلىيالمايدۇ. چوڭلار ئادەتتە يازدا كەچتە دېرىزىنى ئېچىپ ئۇخلىسا ياخشى، بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئۇخلىغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام، دەپ قارايدۇ. ياشلار سالقىنلىقنى تېخىمۇ قوغلىشىدۇ، كېچىچە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلاشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

   ئۇنداقتا، يازدا كەچتە دېرىزىنى ئېچىپ ئۇخلىسا ياخشىمۇ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئۇخلىسا ياخشىمۇ؟ كەچتە ئۇخلىغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىزچىل ئېچىش كېرەكمۇ - يوق؟ دوختۇرنىڭ جاۋابى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى!

سۈرەت\ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى

 دېرىزىنى ئېچىپ ئۇخلىسا ياخشىمۇ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئۇخلىسا ياخشىمۇ؟ 

   نۇرغۇن كىشىلەر كەچتە ئۇخلىغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىزچىل ئېچىقلىق تۇرسا سالامەتلىككە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنداقتا، چىدىغۇسىز ئىسسىقتا دېرىزىنى ئېچىپ ئۇخلاش ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئۇخلىغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولامدۇ؟

   بېيجىڭ شيېخې تېببىي شۆيۈەنى ئاممىۋى مېدىتسىنا ۋە ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى كەسىپ ۋە مۇھىت ساغلاملىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ مىن 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى CCTV «ساغلام جۇڭگو» پىروگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى تەڭشەپ كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما دېرىزىنى ئېچىشقا توغرا كەلسە، كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئېگىز بىنادىكى ئۆيلەردە ئولتۇرغاندا، ئەگەر كەچتە كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايى كۆرۈلسە، دېرىزىنى ئېچىپ ئۇخلاش ناھايىتى خەتەرلىك. شۇڭا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئۇخلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ℃26 ~ ℃22 بولىدۇ.

   بەزىلەر: ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندىن كېيىن، سوغۇق ۋە نەملىك تەر تۆشۈكچىلىرىدىن بەدەنگە كىرىدۇ، شۇڭا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىشقا بولمايدۇ! دېيىشىدۇ.

   بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چىڭچۈەنمۇ پىروگراممىدا مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگو تېبابىتىنى ئۆگەنگەن، مەن ئۇنىڭ (سوغۇق ۋە نەملىكنىڭ) قانداق كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمىدىم، ئەمەلىيەتتە، قەدىمكىلەر «ھاۋا تەڭشىگۈچ»نى ئىزدەشكە باشلىغان، مەسىلەن، يازلىق ئارامگاھلار، بولۇپمۇ ئاشۇ يازلىق ئارامگاھلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆپىنچە ا ℃26 ~ ℃24قىچە بولىدۇ. شۇڭا بىز ھاۋا تەڭشىگۈچتىن ئىبارەت تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللەشتۈرىدىغان بۇ خىل پەن - تېخنىكىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماسلىقىمىز كېرەك، بۇ خاتا قاراش. تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ راھەت ئۇخلىۋېلىشنىڭ بولمايدىغان يېرى يوق.

   جېجياڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ ماۋمۇ پىروگراممىدا كۆپچىلىك دائىم دەيدىغان «ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى»نىڭ ئەمەلىيەتتە ھاۋا تەڭشىگۈچنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ۋاقتىدا، كەسكىن ئېچىش، بولۇپمۇ ياشانغانلار، ئاساسىي كېسىلى بار كىشىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچنى ۋاقتىدا ئېچىش كېرەك. ①

سۈرەت\ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى

 شامالدۇرغۇچ ھاۋا تەڭشىگۈچكە قارىغاندا ساغلاممۇ؟ 

   ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى كىشىلەر شامالدۇرغۇچ ئېچىشقا مايىل بولۇپ، شامالدۇرغۇچ ئېچىش ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچقانغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام دەپ قارايدۇ، راست شۇنداقمۇ؟

   جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىئوفىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ دوتسېنتى تاۋ نىڭ 2019 - يىلى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جۇڭگو ژۇرنىلىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: قاتتىق ئىسسىق بولغاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، بولۇپمۇ ھاۋانىڭ نەملىكى يۇقىرى بولغاندا، پارغا ئايلىنىش ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىدىغان تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش مېخانىزمى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ، ھەتتا شامالدۇرغۇچتىن ئىسسىق شامال چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ چاغدا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

   ھاۋا تەڭشىگۈچ ھاۋانى ھەرىكەتلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، نەملىكنى يوقىتىپ، شامال سۈرئىتى، ئۆي تېمپېراتۇرىسى، نەملىكتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن راھەت بەدەن سېزىمى تېمپېراتۇرىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ ياخشى سۇبيېكتىپ تۇيغۇ ئېلىپ كېلىدۇ.

   ئۇنىڭ ئۈستىگە نامۇۋاپىق ھالدىكى شامالدۇرغۇچ ئىشلىتىش ئۆينىڭ كىچىك مۇھىتىغا نىسبەتەن بىر خىل داۋالغۇش بولۇپ، ئۇيقۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، گاراڭ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق ۋاقىت شامالدۇرغۇچ ئىشلەتكەندە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يۈكى ئېشىشى مۇمكىن. شامالدۇرغۇچ بولسا ھاۋانىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىشىگە تايىنىپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنىڭدا بەدەندىكى سۇنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەگەر ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىمىغاندا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

   پىروفېسسور تاۋ نىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھاۋا تەڭشىگۈچنى تېمپېراتۇرا، شامال سۈرئىتى، نەملىك دەرىجىسى مۇۋاپىق قىلىپ تەڭشىگەن شارائىتتا، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىشتا چەكلىنىدىغان كىشىلەر يوق، بۇمۇ نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچنى سەپلىشىنىڭ سەۋەبى. ②

سۈرەت\ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى 

 كەچتە ئۇخلىغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى مۇنداق ئاچسىڭىز 

 راھەت ھەم توك تېجەيدۇ! 

   يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى زادى قانچە گىرادۇس ئېچىش كېرەك؟ ھاۋا تەڭشىگۈچنى قانداق ئىشلەتكەندە ئەڭ تېجەشلىك ھەم راھەت بولىدۇ؟

   خۇبېي ئۆلكىلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە سۈپەت تەتقىقات يۇرتى زىخۇەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇاڭ رۇڭ 2023 - يىلى ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق تەكلىپ بەردى: يازدا كۈندۈزى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 26، كەچتە 28 قىلىپ تەڭشىسە ھەم توك تېجەپ مۇھىت ئاسرىغىلى، ھەم راھەت ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ③

   دۆلەت ئېلېكتىر تورى جياڭسۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈندۈزى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ℃27~℃24 ئاچسا ئەڭ راھەت بولىدىكەن، لېكىن كەچتە ئۇخلىغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى يەنە 26 ئاچسا ئانچە مۇۋاپىق بولمايدىكەن، چۈنكى كەچتىكى تېمپېراتۇرىدا ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش تۇيغۇسى بولىدىكەن.

   (1) كەچ سائەت 10دىن 12گىچە ئادەم بەدىنى ھەرىكەت باسقۇچىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى 26 قىلىپ ئورۇنلاشتۇرسا ئىنتايىن راھەت بولىدۇ؛

   (2) سەھەر سائەت 2دىن 3كىچە بولغان ئارىلىقتا بەدەن ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ ئازراق تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا يەنە 26 بولسا بەدەن سوغۇق ھېس قىلىدۇ؛

   (3) سەھەر سائەت 4تىن 6گىچە بولغان ئارىلىقتا بىز بەك توڭلاپ كەتكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىمىز، شۇڭا كەچتە ھاۋا تەڭشىگۈچنى 26 قىلساق ئۇخلاشقا ماس كەلمەيدۇ.

   شۇڭا، كەچتە ئۇخلىغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ℃28 قىچە ئاچسا ئەڭ راھەت ھەم توك تېجىگىلى بولىدۇ. ④

رەسىم\ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى

 كەچتە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئۇخلىغاندا 

 بۇ بەش نۇقتىنى ياخشى قىلىشنى ئۇنۇتماڭ 

   ئازادلىق ئارمىيە ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم ئالاھىدە تېببىي مەركىزى سۆڭەك زەخىمى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ گۇاڭتاۋ 2020 - يىلى تېڭشۈن تېببىي ژۇرنىلىدا يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىشتىكى بىر قانچە ئەپچىل چارىنى سۆزلەپ بەردى. ⑤

   1. كەچتە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇخلاش ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇش

   ئۇخلىغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇخلاش ھالىتىگە تەڭشەپ قويسا بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئۇخلاش ھالىتى ئادەم ئۇخلاۋاتقان مەزگىلدە تېمپېراتۇرىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەم ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىگە سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى، ھەم توكنى تېجىگىلى بولىدۇ.

   دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئالتە سائەت بويىچە ھېسابلىغاندا، پۈتۈن كېچىدە تېمپېراتۇرا تەخمىنەن 3 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ بۇنڭغا يەنە ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۈرۈشنى سەپلىگەندە، مەسىلەن ئەگەر ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرسا، سائەت بەش ئەتراپىدا ئۆچۈرگەندە، ھەم ئۆي ئىچىدىكى قالدۇق تېمپېراتۇرىدىن پايدىلىنىپ سالقىنلىقنى ساقلىغىلى، يەنە نۇرغۇن توك پۇلىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

   2. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال ئېغىزىنى ئىمكانقەدەر يۇقىرىغا قاراپ پۈۋلەيدىغان ھالەتكە تەڭشەش

   ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ سوۋۇتقاندا، ئەڭ ياخشىسى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال يۆنىلىشىنى يۇقىرىغا قارىتىپ تەڭشەپ، سوغۇق ھاۋانى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سوغۇق ھاۋا ئادەتتە تۆۋەنگە، ئىسسىق ھاۋا يۇقىرىغا قاراپ ماڭىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىسسىق - سوغۇق ھاۋانىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەكشى، راھەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

سۈرەت\ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى

   3. دىمىق ھاۋادا نەملىكنى يوقىتىش ھالىتىنى كۆپرەك ئىشلىتىش

   بەزىدە ھاۋا دىمىق بولۇپ بىئارام بولغاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ «نەملىكنى يوقىتىش» ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش كېرەك. بۇ ئىقتىدار ھالىتى ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە توك تېجەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىمىسىمۇ، كىشىگە راھەت ۋە سالقىن تۇيغۇ بېرىدۇ.

   4. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىش ئېغىزى ئالدىغا بىر داس سۇ قويۇپ قويۇش

   ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۆي ئىچىدىكى سۇ تەركىبىنى ئېلىپ كېتىپ، ھاۋانى قۇرغاقلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ نىسبەتەن قۇرغاق بولغان شىمالدا، ئادەم ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرسا، ئېغىز، بۇرۇن، كۆز ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ، چىڭقىلىپ كېتىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىش ئېغىزىغا بىر داس سۇ قويۇپ قويغاندا، كۆز قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ.

   5. ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ مۇۋاپىق تۈردە ھاۋا ئالماشتۇرۇش

   ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە دېرىزىنى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇشقا، ئوكسىگېن تولۇقلاشقا، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.