تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاككوردىيوندا ياڭرىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى مارشى

ئاككوردىيون شىنجاڭ چۆچەك شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت بەلگىسى، چۆچەك شەھىرى «جۇڭگو ئاككوردىيون شەھىرى» دەپ ئاتالغان (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

     شىنجاڭنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل، قەدىمدىن تارتىپ شەرق-غەرب مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان جاي، بۇ جايدا خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، تاتار، رۇس قاتارلىق 20 نەچچە مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقى شەكىللەنگەن.

    ئاككوردىيون چۆچەك شەھىرىدىكى خەلق ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان چالغۇ بولۇپ، شەھەرنىڭ نام كارتىلىرىنىڭ بىرى. چۆچەك شەھىرىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاككوردىيون دەرسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كوچا، ئاشخانىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەر مىللەت ئاككوردىيون سەنئەتكارلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاككاردىيون چېلىۋاتقىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاككوردىيون يالغۇز چۆچەكلىكلەرنىڭ كۈندىلىك ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇل بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. 2023-يىلى، چۆچەك شەھىرى جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى ئاككوردىيون ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جۇڭگو ئاككوردىيون شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۆچەك شەھىرى ئۆزگىچە ئاككوردىيون مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «مىڭ كىشىلىك ئاككوردىيون كۆرىكى ۋە داڭلىق ئاككوردىيونچىلار مۇزىكا ئورۇنداش» «شىنجاڭ . چۆچەك ئاككوردىيون مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاس قوزغىدى، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كەيپىياتنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
     تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى مول مېۋە بېرىپ، ئىككى قېتىم «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ لېي، خۇاڭ شياۋيۇڭ، لىن لىپىڭ فوتوسى

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار ئاككوردىيون مەشىق قىلىپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024 شىنجاڭ . چۆچەك 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاككوردىيون مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىغا تەييارلىق قىلماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ساياھەتچىلەر شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالىدا، خەلق سەنئەتكارى ساياھەتچىلەرگە ئاككوردىيون نومۇرى ئېلىپ كەلدى (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك مەدەنىيەت مەيدانىدا، ئاككوردىيون مەشىق قىلىۋاتقان بالىلار ساز ئاۋازىغا ئەگىشىپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ساياھەتچىلەر شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ساياھەتچىلەر شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار ئاككوردىيون مەشىق قىلىپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024 شىنجاڭ . چۆچەك 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاككوردىيون مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىغا تەييارلىق قىلماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

بالىلار شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك مەدەنىيەت مەيدانىدا ئاككوردىيون مەشىق قىلماقتا، شەھەر ئاھالىلىرى مۇزىكىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار ئاككوردىيون مەشىق قىلىپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024 شىنجاڭ . چۆچەك 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاككوردىيون مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىغا تەييارلىق قىلماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە، ئوقۇتقۇچى دەۋران دۈسىنقان (سولدىن 1- كىشى) ئوقۇغۇچىلارغا ئاككوردىيون دەرسى ئۆتمەكتە (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بېلارۇسىيە ئۇسلۇبىدىكى ئاككوردىيون ( 7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالىدا شىبە ئاككوردىيون سەنئەتكارلىرى ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ساياھەتچىلەر شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالىدا ئاككوردىيون نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ساياھەتچىلەر شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەلىك مەدەنىيەت مەيدانىدا، ئاككوردىيون مەشىق قىلىۋاتقان بالىلار مۇزىكا ئاۋازىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك مەدەنىيەت مەيدانىدا، ئاككوردىيون مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دەۋران دۈسىنقان (سولدىن 2-كىشى) ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ ئاككوردىيون مەشىق قىلماقتا (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.