تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىككى ئەسىرى ماركا ھېكايىسى مۇسابىقىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    7-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئىقتىساد-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى» دېيىلىدۇ) كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئىشلىگەن قىسقا سىن «يېشىل يول» ۋە مىكرو كىنو «يوقىتىپ قويۇپ قايتا ئېرىشكەن قوي» 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ماركا ھېكايىسى مۇسابىقىسى (ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونى) ۋە 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماركا ھېكايىسى مۇسابىقىسىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىسقا سىن مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە مىكرو كىنو مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
    بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركىنىڭ يېڭى ئېنىرگىيەسىنى قويۇپ بېرىش» باش تېما قىلىندى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى تۈرلۈك ئەسىرى كارخانا مەدەنىيىتى، ماركا ھېكايىسى ۋە جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە قالتىس نامايان قىلىپ، ماركا ئىدىيەسىنى تارقاتتى، شۇنداقلا باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارغا ئېلېكتىر تورى ماركىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچ ۋە ئىللىقلىقنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. مىكرو كىنو ئىجادىيىتى جەھەتتە، بۇ تەتقىقات يۇرتى دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئۇلارنىڭ «يوقىتىپ قويۇپ يەنە ئېرىشكەن قوي» ناملىق ئەسىرىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت بويىچە كەنتلەرگە تور يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى خادىملىرىنىڭ گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ھەقىقىي ھېكايىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئېنىق، مۇكەممەل ۋەقەلىك ئارقىلىق ئېلېكتىر تورى خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى جانلىق نامايان قىلىندى.
     2023-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى مۇھىم، زور باش تېما تەشۋىقاتىنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېشىل يول، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش يولى، گۈللىنىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، ئىناقلىق يولىدىن ئىبارەت بەش ئۆلچەم ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنى پىلانلاپ يولغا قويدى، قىسقا سىن، يېزىق، ئېلان قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ 10 يىلدىن بۇيان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەشەببۇس پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى تەسىرلىك بايان قىلدى.
     كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى يېڭى پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ماركا قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ماركىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىدۇ. (لى شى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.