تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەت! مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى قاتناش ئەسلىگە كېلىدىكەن

7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ

G315 لىنىيەسى ۋاششەرى سۇ ئامبىرى — تاتىراڭ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

بۇ يولدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك

مۆلچەرلىنىشىچە

قاتناش 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەسلىگە كېلىدىكەن

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ھەرىكەتچان يول ئەھۋالى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، G315 لىنىيەسى(شىنىڭ-تورغات لىنىيەسى) K1653-K1807(ۋاششەرى سۇ ئامبىرىدىن تاتىراڭغىچە) يول بۆلىكىدە، كۆۋرۈكنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى قىلىنغاچقا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ، بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىشنى پىلانلىغان.

   قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، چاقىلىق ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار كۆرسەتكۈچ تاختىسى بويىچە G0612 يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنى ئايلىنىپ، تاتىراڭ ھەق ئېلىش پونكىتىغا بېرىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقسا بولىدۇ؛ چەرچەن ناھىيەسىدىن چاقىلىق ناھىيەسىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار كۆرسەتكۈچ تاختىسى بويىچە G0612 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئايلىنىپ، ۋاششەرى سۇ ئامبىرى ھەق ئېلىش پونكىتىغا بېرىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقسا بولىدۇ.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.