تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ ئاۋات، ئېچىۋېتىلگەن، رەڭدار جاي ئىكەن»

− چاد ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، چاد ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باش شۇجىسى بادا ھەم ئۇ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى. ئۇلار بازار، كارخانا، خاتىرە سارىيى، مەسچىت قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى.

تومۇز ياز پەسلىدە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مىللىي خاسلىققا ئىگە چالغۇلار، قېلىن، يۇمشاق گىلەملەر، رەڭدار ئەتلەس - يىپەك قاتارلىقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەر يەر - ھەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ئازادە، گۈزەل چاغلاردىن خۇشال بەھرىلەندى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مىغ - مىغ كىشىلەر توپى ئارىسىدا خۇشال، ئىناق كەيپىياتتىن تەسىرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەر، تىنچ، مۇقىم، گۈللەپ ياشنىغان جاي ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ماختىدى، كىشىلەرنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى نەتىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«بىۋاسىتە ھېس قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئاۋات، ئېچىۋېتىلگەن، رەڭدار جاي ئىكەنلىكىنى، بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىكىگە تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.» بادا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوغداش جەھەتتە قوللانغان تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايمىز، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايمىز.

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولىغا جايلاشقان 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدا كونا سۈرەتلەر، تارىخىي ئارخىپلار ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەم ھەيكەل، ماي بوياق رەسىم، ئېلېكتىرونلۇق قۇم مودېل قاتارلىقلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى شانلىق تارىخىي مۇساپىسىنى بايان قىلىپ تۇراتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بۇ يەردە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئەستايىدىل كۆرۈپ، پات - پات خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ چىرايىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان قايىللىق ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

چاد ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى مۇناسىۋىتىگە مەسئۇل مەملىكەتلىك شۇجىسى، قوشۇمچە باياناتچىسى ئىسا دۇبرانى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، كۈچلۈك چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپتۇ، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق».

ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر پىلانلاش كۆرگەزمە سارىيى كۆپ تۈرلۈك ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىنجاڭدىكى سودا مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بايان قىلدى؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا يۈك ئاپتوموبىللىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان كارخانىلارنىڭ بەلگىسى بېسىلغان نۇرغۇن يۈك ساندۇقلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى... ئالدىراش مەشغۇلات مەنزىرىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

بۇ ئىككى جايدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، چوڭ ئېكراندىكى فىلىم ماتېرىيالىنى كۆرۈپ، ھەرقايسى جايدىكى كۆرگەزمە تاختىسى ۋە سەرەمجانلارنى تەپسىلىي ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قۇم مودېلىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئېتىراپ قىلدى ھەم چاد بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ، شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تىجارىتى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك مەيدان - پونكىت قۇرۇلۇشى، خەلقئارا بازار ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئەزالار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر تېخنىكىسى، يورۇقلۇق ۋولت تېخنىكىسى ھەممىگە ئايان، چادنىڭمۇ مول شامال ئېنېرگىيەسى ۋە يېتەرلىك كۈن نۇرى چۈشۈش شارائىتى بار، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ چادغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز.

«بىز شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە روناق تاپقانلىقىنى ھېس قىلدۇق، شىنجاڭدا ئۆگەنگەن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى چادقا ئېلىپ بېرىپ خەلققە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا سىرتتىكىلەرگە ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى پائال تەشۋىق قىلىمىز» دېدى چاد ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ دۆلەت تاشقى مۇناسىۋىتى ۋە چەت ئەلدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا مەسئۇل مەملىكەتلىك شۇجىسى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئاساسا لىخ دامانى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىگە بېرىپ، دىنىي خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، شىنجاڭنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئالقىشلىدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قىسقىغىنا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت جەريانىدا شىنجاڭنىڭ «چوڭلۇقى» ۋە «گۈزەللىكى»نى كۆرۈپ ھېس قىلدۇق، شىنجاڭ خەلقىنىڭ چېھرىدىكى تولۇپ تاشقان بەختنى كۆردۇق، كېيىن يەنە شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ كېتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.