تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، ئومۇمىي يىغىن «قارارى» يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى قۇچۇشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، دېگەن كۈچلۈك سىگنالىنى تولۇق تارقاتتى. ئومۇمىي يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلەشتە، ئالدى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ زور دەۋر ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي تەسىرىنى ئېنىق سۆزلەش، پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئېنىق سۆزلەش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرى ھەققىدە چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرلەر ھەققىدە چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى توغرىسىدا چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ زور چەكتە ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي رىتىم يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تولۇق، دەل جايىدا يەتكۈزۈش كېرەك. لېكسىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلىنىدىغان رايون ۋە ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىباب تىل، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، جانلىق مىساللاردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق قىلىپ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ھېكايىسى، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھېكايىسىنى جانلىق سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى ھەقىقىي چۈشىنەلەيدىغان، ئەستە تۇتالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەت كومىسسارى شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.