تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرايلى

− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» دا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىككە، ئومۇملۇققا ئىگە زور ئىسلاھاتلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچىلىك رولى نامايان قىلىندى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھەم مۇھىم ساھە، مۇھىم ۋەزىپە، مۇھىم سىناق نۇقتىلىرىنى تۇتۇپ، ھەم ئاچقۇچلۇق ئاساسىي گەۋدە، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەرنى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتا ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش − يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇسۇل. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتتا قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردە ئۇللۇق تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئاساسىدا ئاساسىي زىددىيەت بىلەن زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇپ، ئومۇملۇق بىلەن قىسمەنلىكنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ماھىيەتتىن تۈزەش بىلەن ھادىسىدىن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، تۇتقىنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئاچقىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يەنىلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، <ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك>تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.» ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانى كۆزلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، بۇ، «قارار»نىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» بىلەن «تىزگىنلەپ تۇرۇش»نى تەڭ ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ياراتقىلى بولىدۇ؛ ئىلمىي ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش − سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتقاندىلا، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، ئىدارە قىلىشىنىڭ يۇغۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ ئېچىۋېتىش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۇنجى قېتىم مەخسۇس باب سۈپىتىدە بايان قىلىنىپ ھەم بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەندىلا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەسسىلەپ ئېشىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولغىلى، يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى چىڭ تۇتقاندا، باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى كۈچلۈك تۈرتكە بىلەن تەمىنلىگىلى، باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنىڭ مۇناسىپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ، دۆلەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولغاندا، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.