تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قۇدرەتلىك خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قۇدرەتلىك خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىغا بېرىپ، نېفىت خىمىيە سانائىتىگە ئالاقىدار كارخانىلار ۋە ئاساسىي قاتلام كوچا باشقارمىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىغا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي مايتاغ رايونىنىڭ شىنبېي رايونى كوچا باشقارمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ھېس قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا بولغان ئىلتىماس - تەلىپى، تەكلىپلىرىنى ئاڭلىماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، مايتاغ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىغا كېلىپ، نېفىت خىمىيە سانائىتىگە ئالاقىدار كارخانىلار ۋە ئاساسىي قاتلام كوچا باشقارمىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىغا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى، نۇقتىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىرىنچى سەپنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار خىزمەتلەردە پىكىر يولىنى كېڭەيتىشكە، تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىشقا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا، پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق تەرەققىياتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ما شىڭرۇي جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىسلاھات، تىجارەت، تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. بۇ كارخانىنىڭ ئېرىتىپ پولىمېرلانغان بۇتادىئېنلىق كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە بازار ئۈلۈشى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ما شىڭرۇي تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن كېيىنكى قەدەملىك تەرەققىيات توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كارخانا يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ كۈچ ۋاسىتىسى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇنلاشقان تىجارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ بازار ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شىنجاڭ تيەنلى نېفىت خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرگە نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۈرلەرنى باشلاش، يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى تاپىلىدى؛ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق مۇھىم ئامىلىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى تەكىتلىدى.

دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان مۇھىم مەزمۇن. ما شىڭرۇي مايتاغدىكى دۆلەت نېفىت زاپاس ساقلاش ئامبىرىغا كېلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئارقىدىن، ما شىڭرۇي مايتاغ رايونى شىنبېي رايونى كوچا باشقارمىسىغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كوچا باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئورتاق ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، كۆپچىلىكنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىلتىماس - تەلەپلىرى، تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇن. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن. كوچا باشقارمىسى، مەھەللە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي بىرلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئورتاق ئاتلىنىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى پىكىر يوللىرىنى پىلانلاپ، يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان مۇھىم تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىساد ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك نامايان قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تەرتىپلىك تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.