تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رولنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رولنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: مەن شيامېندا خىزمەت قىلغاندا، شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنى دەسلەپكى بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقانىدىم، 40 يىلدىن بۇيان شىركەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم. بۈگۈنكى كۈندە قۇرۇق قول ئىش باشلىغان شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە رولۇڭلارنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى 1984 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى بويىچە تىجارەت قىلغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە شىركىتى. شيامېندا خىزمەت قىلغاندا، شى جىنپىڭ دەسلەپكى بەرپا قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلىرىنى ئۆزى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەرگەن ھەم شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىغا ئىزچىل غەمخورلۇق قىلغان، يېتەكچىلىك قىلغان. نۆۋەتتە، شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى تىجارەت قىلىۋاتقان دۆلەت ئىچى - سىرتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 400دىن ئارتۇق بولۇپ، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 40 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى، ئىلگىرى ئۇچۇش بىخەتەرلىكى بويىچە بەش يۇلتۇز مۇكاپاتى، جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. يېقىندا، شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شىركەت قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيان ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، تىرىشىپ شىركەتنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.