تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

مۇز داۋاندا تىيانشان قار لەيلىسىنى سۈرەتكە تارتىش، ئۇنىڭ گۈزەللىكى تەڭداشسىز

   شىنجاڭدا بىر خىل سىرلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك بار، ئۇ تىيانشان تىزمىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونىدا ئۆسىدۇ، گۈلى قاشتېشىدەك سۈزۈك، پەرىزاتتەك گۈزەل بولۇپ، «قارلىق دالىدىكى گۈل» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇ دەل تىيانشان قار لەيلىسى.

   يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 ـ شى 78 ـ تۇەن 5 ـ ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سېربول قۇۋاندېك ۋە ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى يازلىق يايلاققا بېرىپ چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ يوللارنى رېمونت قىلىۋاتقاندا، دېڭىز يۈزىدىن 3800 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى بىر مۇز داۋاندىن تۇتاش كەتكەن، پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن تىيانشان قار لەيلىسىنى بايقىدى. ئۇلار ئۇششاق تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، شامالدا لەرزان يەلپۈنگىنىچە، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا پاك ۋە گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى. كۆپچىلىك ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، ئارقا - ئارقىدىن بۇ ئاز ئۇچرايدىغان مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

   تىيانشان قار لەيلىسى مۇئەييەن دورىلىق قىممەتكە ئىگە بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن 2 ـ دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. گەرچە ئالاقىدار تارماقلار كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆسۈش مۇھىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىدە، تىيانشان قار لەيلىسىنىڭ سانىدا يىلدىن ـ يىلغا ئازلاش ھالىتى كۆرۈلمەكتە. بۇ يەردە مۇخبىرىمىزمۇ كۆپچىلىككە شۇنى مۇراجىئەت قىلىدۇكى، ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆز ئالدىمىزغا كولىمايلى، ئۇلارنى ئاڭلىق قوغداپ ۋە ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك  - مۇھىتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل، ئىناق قىلايلى.

(سۈرەتلەرنى سېربول قۇۋاندېك تارتقان)

مەنبە: 4 – شىسى كۆكدالا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.