تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

سەككىز يىل كۆڭۈل قويۇپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈردى

    ئانار بۇلۇتشىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

    7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھاۋانىڭ ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي، فۇ شياۋجۈن تاۋۇز، قېتىق، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ، بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى جىگدە بۇلاق كەنتىدىكى چارۋىچى جىن خۇانىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ قوتانلارنى تازىلىدى، كۆكتاتلىقنى سۇغاردى، ئاندىن بىر ۋاق مەززىلىك تاماق ئېتىپ، تاكى چۈشتىن كېيىنگىچە ئالدىراش ئۆتتى، ئاندىن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى، ئۇ سەككىز يىلغا يېقىن ۋاقىت مانا مۇشۇنداق يوقلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

    «ئۇ مېنىڭ ياخشى ئىنىم، ھېلىمۇ ئۇ ياردەم قىلغاچقا، ئوغلۇم ئىككىمىز بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق» دېدى جىن خۇا كۈلۈپ تۇرۇپ.

    بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن جىن خۇا موڭغۇل مىللىتىدىن. فۇ شياۋجۈن 52 ياش، بورتالا شەھەرلىك چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش كاپالەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى. 2016-يىلى 9-ئايدا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، فۇ شياۋجۈن جىن خۇا بىلەن تۇغقانلاشتى.

    جىن خۇانىڭ ئېرى ناسېنبوك مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان، قىزى توي قىلىپ شەندۇڭغا كەتكەن ئىدى، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئوغلى پەقەت ھېيت-بايراملاردىلا ئۆيگە قايتالايتتى، ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئېغىر يۈكى جىن خۇانىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى.

    ​جىن خۇا ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، فۇ شياۋجۈن يېنىدىن پۇل چىقىرىپ جىن خۇانىڭ ھويلا تېمىنى قوپۇرۇپ بەردى، يەنە تاماق ئەتكىلى بولىدىغان ۋە مېھمان كۈتەلەيدىغان كىچىك بىر قەۋەتلىك ئۆي سېلىپ بەردى. ھەر قېتىم ئىدارىدە دەم ئېلىش نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇ بىر قىسىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىپ جىن خۇانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تاماق ئېتىشكە، ھويلا-ئارانلارنى يىغىشتۇرۇشقا ياردەملەشتى. بۇ ئائىلىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، فۇ شياۋجۈن ھەر ئايدا ناسېنبوكقا دورا ئېلىپ بەردى ھەم قەرەللىك ھالدا قەغەز زاكا ئاپىرىپ بەردى. ئەتىيازدا، ئۇ دوستىنى باشلاپ بېرىپ جىن خۇاغا ياردەملىشىپ يەر ئاغدۇرۇپ كۆكتات تېرىدى؛ يازدا، ئۇ «شادلىق كىچىك ئەترىتى» پىدائىيلىرى بىلەن نۆۋەتلىشىپ ياشانغان ئەر-خوتۇننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى؛ قىشتا، ئىككىيلەنگە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا كۆمۈر ۋە يوتقان-كۆرپە ئېلىپ بەردى ...

    جىگدە بۇلاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تيەن جىخۇا مۇنداق دېدى: «بىز جىن خۇانىڭ ئائىلىسىگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېجىرىپ بەردۇق، يەنە <شادلىق كىچىك ئەترىتى> پىدائىيلىرىنى فۇ شياۋجۈن بىلەن بىللە جىن خۇاغا ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردۇق».

    ناسېنبوكنىڭ ئۇزاق مۇددەت دورا ئىچىش چىقىمىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، فۇ شياۋجۈن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، جىن خۇاغا كەنت ئەتراپىدىن تازىلىق قىلىدىغان خىزمەت تېپىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلەتتى.

    «فۇ شياۋجۈن ئۆز ئىنىمدىنمۇ كۆيۈمچان، ئۆيۈمدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمەن.» جىن خۇانىڭ ئېيتىشىچە، ئىشىك ئالدىدىكى خىشنى ئۇ ئادەم تېپىپ ياتقۇزۇپ بېرىپتۇ، ئۆيدىكى ئاسما تورۇس ۋە ئاق تامنىمۇ ئۇ ئىشچى تېپىپ قىلدۇرۇپ بېرىپتۇ، ئۆزى ۋە ئېرىنىڭ مامۇق چاپىنىنىمۇ فۇ شياۋجۈن سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرىپتۇ. يېقىنقى سەككىز يىلدىن بۇيان، توڭلاتقۇدا كالا، قوي گۆشلىرى ئۈزۈلۈپ باقماپتۇ.

    بۇ يىل 1-ئايدا، ناسېنبوكنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى، بۇ جىن خۇانى قاتتىق زەربىگە ئۇچراتتى. ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەن فۇ شياۋجۈن خوتۇنىنى ھەپتە ئاخىرىدا جىن خۇانىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرۇپ، موماينىڭ كەيپىياتى ياخشىلانغانغا قەدەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا ۋە نەسىھەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

    جىن خۇانىڭ ئوغلى نايىڭتا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەتىيازدا كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچماقچى بولۇۋاتىمەن، فۇ شياۋجۈن تاغام  ماڭا ياردەملىشىپ تەييارلىق قىلىشىپ بېرىۋاتىدۇ.

    «ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام، بۇ ئىنىم ماڭا ياردەم قىلدى. ئۆيدە قانداق ئىش بار بولسا، ئۇ ئامال قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ. بۇنداق ياخشى ئادەمگە ئۇچراش ھەقىقەتەنمۇ ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تەلىيى.» جىن خۇا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۈزدە، ئوغلۇمنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى تىجارەت باشلايدۇ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

    «ھازىر، سالامەتلىكىم ياخشى، ئوغلۇممۇ يېنىمدا ماڭا ھەمراھ بولۇۋاتىدۇ، كۈنلىرىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ»دېدى جىن خۇا.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.