تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۈتۈن لىنىيە تۇتاشتۇرۇلدى! شىنجاڭدىن چىقىدىغان يەنە بىر چوڭ يول پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

7-ئاينىڭ 21-كۈنى

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ نۇقتىلىق قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى

S240 لىنىيەسىنىڭ قومۇلدىن سۇبېيغىچە بولغان

(فاڭشەنكوۋدىن چىلى بازىرىغىچە) تاشيول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ

قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلاندى

شىنجاڭدىن چىقىدىغان يەنە بىر چوڭ يول پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

بۇ تاشيول پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن

دۇنخۇاڭدىن قومۇلغىچە بولغان مۇساپە 60 كىلومېتىر قىسقىراپ

گەنسۇ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ

رايون ئىقتىسادىي ئالاقىسىدىكى مۇھىم قاتناش غول لىنىيەسى شەكىللىنىپ

ئىككى جاينىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش

يول تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە

كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش رولىنى ئوينايدۇ

S240 لىنىيەسىدىكى تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 164.8 كىلومېتىر بولۇپ

لىنىيەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى فاڭشەنكوۋ (شىنجاڭ-گەنسۇ چېگراسى)غا جايلاشقان

شىنجاڭ قومۇلدىكى ئۆلكە يولى S245 لىنىيەسى بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىدۇ

ئاخىرقى نۇقتىسى گەنسۇ دۇنخۇاڭ دۆلەت يولى G215 لىنىيەسىنىڭ پاسىل ھالقىغان بۆلىكى بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىدۇ

پۈتۈن لىنىيە

2-دەرىجىلىك تاشيول تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە

يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 12 مېتىر، يول يۈزىنىڭ كەڭلىكى 10.5 مېتىر قىلىپ لايىھىلەنگەن

جەمئىي 805 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ

دۇنخۇاڭ شەھىرىنىڭ قاتناش ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ

S240 لىنىيەسى بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىدىغان

S245 لىنىيەسىدىكى قومۇلدىن دۇنخۇاڭغا بارىدىغان يۆنىلىشتىكى تاشيول

قومۇل شەھىرىنىڭ تاشقى ئايلانما يولى، بوغاز يېزىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ

لوپنۇر ئارقىلىق چاقىلىق ۋە گەنسۇ دۇنخۇاڭغا بارىدىغان مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ

بۇ يول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 186.187 كىلومېتىر كېلىدۇ

باشلىنىش نۇقتىسى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرما چوڭ يولى ئەرداۋخۇ بىلەن ئۆز ئارا تۇتىشىدۇ

ئۆلكە يولى S328-لىنىيەسى، ناھىيە يولى X091

ناھىيە يولى X101 (شاچۈەنزى)دىن ئۆتۈپ شەرقىي يەنخۇ تاشيولىغا بارىدۇ

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.