تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن سەپەرگە چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك، كېلەر يىلى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەندى!

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، كېلەر يىلى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈرۈش مۆلچەرلەندى، بۇنى مۇخبىر 7-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاچقان ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قەسەمياد يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قەسەمياد يىغىنى T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا ئېچىلدى. سەي جىخاۋ فوتوسى

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا

2019-يىلى 10-ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ

دۆلەتنىڭ «14-بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى

قۇرۇلۇشتا  2-، 3-ئۇچۇش-قونۇش يولىنى ياساش

​500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى

ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى

بېكەت سۇپىسى قۇرۇش ھەمدە يانداش ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن سەپلەش پىلانلانغان

ئاۋىياتسىيە بىناسى «سۇمۇرۇغ كەبى قانات قاقتى»، ئېگىز كۆۋرۈك قەد كۆتۈردى، مۇخبىر ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈرىنىڭ بېزىلىپ ئاخىرلىشىش ۋە ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەرنى بىرلىكتە تەڭشەش-سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، مەيدان ئىچىدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى ۋە يانداش تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش بىلەن تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بىر ئايروپىلان ئۈرۈمچى ئايروپورتى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان مۇنارىدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

«ئاۋىئياتسىيە بىناسى ۋە قاتناش مەركىزىگە ئومۇميۈزلۈك توك يەتكۈزۈلدى،

7-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ئىلتىماس قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»

 ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم ئەتراپىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى

ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ كەي مۇنداق دېدى:

قۇرۇلۇشتا ئاۋىياتسىيە بىناسى رايونىنىڭ قاتناش سەپىرىگە قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى

شەرق-غەرب قوش يۆنىلىشتە مەيدانغا كىرگىلى

تۆت ئايروپىلان يولىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، يۈرۈش ئۈنۈمى %50 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ

T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش رايونىدىن

نۆۋەتتە ئالتە رايون جەمئىي 168 ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش پۇكىيى ئېچىۋېتىلدى

كېيىنكى مەزگىلدە سەككىز رايونغا يېتىدۇ

شۇنىڭ بىلەن بىللە

T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىنىڭ سىغىمى ئاشۇرۇلدى

يولۇچىلارغا قولاي بولۇش ئۈچۈن

دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولى 52گە يەتكۈزۈلدى

خەلقئارا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىدىن 13ى بار بولدى

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇنار قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، كۈمۈش رەڭلىك مۇنار گەۋدىسى ئەتراپتىكى ئاسمان بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندى (ماتېرىيال سۈرەت).

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.