تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى» ئىشىكىنى ئېچىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

    مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گاۋ جىدەن (سولدا) بىلەن جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى چېن لى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

   شۇ كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى» فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئىشىكىنى ئېچىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. «جۇڭگو ئائىلىسى» جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خەلقئارا ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن تەسىس قىلغان ھەم يۈرۈشتۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەسىدۇر. تۇنجى «جۇڭگو ئائىلىسى» 2010-يىللىق ۋانكۇۋېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئون نەچچە يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، «جۇڭگو ئائىلىسى» جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خەلقئارا چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ئارىسىدىكى تەنتەربىيە ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئولىمپىك چېمپىيونى، جۇڭگو ئاياللار دۆلەت ۋالىبول كوماندىسىنىڭ سابىق باشلىقى خۇي روچى (سولدا) بىلەن سۇغا سەكرەش ئولىمپىك چېمپىيونى خې چۇڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى»دە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر خىزمەتچى خادىم (ئوڭدىن 1-كىشى) پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى»دە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى «چۇيۋەن»نى ھېس قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

بۇ، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى»نىڭ زال ئىچى كۆرۈنۈشى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ئاياللار دۆلەت ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 1981-يىلى ئېرىشكەن دۇنيا لوڭقىسى مۇكاپات لوڭقىسى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى»دە كۆرگەزمە قىلىندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

بۇ، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى»دە سۈرەتكە تارتىلغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى «بىڭدۈندۈن».

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

بۇ، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «جۇڭگو ئائىلىسى»نىڭ زال ئىچى كۆرۈنۈشى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.