تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

AI رەسىملىك ئىبارە | يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، بالىلار بىلەن بىللە «تومۇز»دىكى تۈگىمەس گۈزەللىكلەردىن ھوزۇرلىنايلى

يازلىق تەتىل بالىلارغا ھەمراھ بولىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت

 «يازلىق تەتىللىك تەشۋىش»تىن ساقلىنىپ

  ئازراق ئۆزگىچە ئىشلارنى قىلىپ

 بالىلار بىلەن بىللە قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك يازلىق تەتىل ئۆتكۈزەيلى

 يان تېلېفوننى قويۇپ

 كىتاب ئوقۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش پەيتى

يان تېلېفوننى قويۇپ، بالىلار بىلەن بىللە كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلاپ، جىمجىت كىتاب ئوقۇش ۋاقتىدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى.

يىراققا سەپەر قىلىش ھاجەتسىز، كىتاب ئەڭ گۈزەل مەنزىرە. قەلبىمىزدە بىلىم ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچىنى ئاستا-ئاستا يېتىلدۈرەيلى. 

تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ

 ئىجادچانلىق ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

 بالىلار بىلەن بىللە رەسىم سىزىش، رەسىم قوراشتۇرۇش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىش... 

​كىچىككىنە ئەسەر، زور مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى. بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىقىنى نۇرلاندۇرايلى. 

تەبىئەتكە كىرىپ 

جانلىقلارنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش

 بالىنى تەبىئەت قوينىغا ئېلىپ كىرىپ، گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىنى كۆزىتىپ، قۇشلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايلى.

ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىغا ھاياتلىقنىڭ سىرى يوشۇرۇنغان بولۇپ، بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلىنى يېشىل نەپەس ۋە شادلىققا تولدۇرايلى.

 ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگىنىپ

 ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش 

بالىلار بىلەن بىللە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئەمگەك خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى.

بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، مۇۋەپپەقىيەتنى ھېس قىلدۇرۇپ، بالىلارغا ئەمگەك جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگىتەيلى. 

ھەر بىر پەيتنى خاتىرىلەپ

 گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇش

 بالىلار بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرايلى.

ھەر بىر دەقىقە خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان ئەسلىمىدۇر. كەلگۈسى كۈنلەردە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ قىممەتلىك خەزىنە بولۇپ قالىدۇ.

ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىرلىكتە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ

 تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادىسىنى تاۋلاش

 مەيلى يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش ياكى تاغ-دالىلاردا پىيادە مېڭىش بولسۇن، ھەرىكەتكە كېلىپ، بالىلار بىلەن بىللە تەنھەرىكەتنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولايلى! 

خۇشاللىق ۋە تەر ئىچىدە خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇپ، تەن ساپايىمىزنى كۈچەيتىپ، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىرادىمىزنى تاۋلايلى.

بىللە ساياھەت قىلىپ

​كەڭ قىزىقارلىق دۇنيانى كۆرۈش

 بالىلار دەرسلىك كىتاب قاينىمىدىن چىقىپ، بۇ دۇنيانىڭ رەڭدارلىقى ۋە كەڭلىكىنى كۆرۈپ باقسۇن. 

بۇ دۇنيادىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن كەلگۈسى تۇرمۇشتا بوران-چاپقۇنغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

پىدائىيلىق مۇلازىمىتى

 جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش

 بالىلارنى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتۇرۇپ، جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ خوشاللىقىنى ھېس قىلدۇرايلى. مەيلى مۇھىت ئاسراش پائالىيىتى بولسۇن ياكى مەھەللە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتى بولسۇن، بالىلارغا باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىتىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرەيلى.

بىر تۇتاش پىلانلىغۇچى: لو لىڭ 

رەسسام: لياۋ يىڭيۆ

مەزمۇن تەييارلىغۇچى: ۋاڭ رۇڭ

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.