تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دىققەت! 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئىككى يولدا قاتناش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى يول تورىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، گۇيۈەن 1-كوچىسى، گۇيۈەن 2-كوچىسى يوللىرىدا قاتناش شەكلىنى تەڭشەش، يۈتيەن كوچىسىدا قاتناش تەشكىللەش شەكلىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى.

  گۇيۈەن 1-كوچىسى، گۇيۈەن 2-كوچىسى يوللىرىدا قاتناش شەكلىنى تەڭشەش كونكرېت تەدبىرلىرى:

  1. گۇيۈەن 2-كوچىسى (تىنچلىق جەنۇبىي يولىدىن گۇيۈەن 1-كوچىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى) غەربتىن شەرققە تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ تەڭشىلىدۇ، ئاپتوموبىللارنىڭ شەرقتىن غەربكە يۈرۈشى چەكلىنىدۇ.

  2. گۇيۈەن 1-كوچىسى(گۇيۈەن 2-كوچىسىدىن سۇجوۋسى كوچىسى ئارىلىقىدىكى يول بۆلىكى) غەربتىن شەرققە تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ تەڭشىلىدۇ، ئاپتوموبىللارنىڭ شەرقتىن غەربكە يۈرۈشى چەكلىنىدۇ.

    يۈتيەن كوچىسى(خۇاڭخې يولىدىن خوتەن كوچىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى)دا قاتناش تەشكىللەش شەكلىنى تەڭشەش كونكرېت تەدبىرلىرى:

   1. يۈتيەن كوچىسى(خۇاڭخې يولىدىن خوتەن كوچىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى)دا غەربتىن شەرققە تاق يۆنىلىشلىك قاتناش قوش يۆنىلىشلىك قاتناشقا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

   2. خۇاڭخې يولى يۈتيەن كوچىسى يول ئېغىزىدا ئاپتوموبىللارنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇدۇل يۈرۈشى، شەرقتىن جەنۇبقا سولغا بۇرۇلۇپ يۈرۈشى چەكلىنىدۇ.

   3. يۈتيەن كوچىسى(خۇاڭخې يولىدىن خوتەن كوچىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى)دا يولنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  2024-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە تەشۋىق-تەربىيە مەزگىلى بولۇپ، 2024-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىغا خىلاپ بولغان يول قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ، كەڭ ئاممىنىڭ ئۆزئارا خەۋەردار قىلىپ قويۇشىنى، يول يۈرۈش پىلانىنى ياخشى تۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.