تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كەلدى! قەشقەر ⇋ ئۈرۈمچى

2024-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 

چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى 

قەشقەر − ئۈرۈمچى بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچتى 

بۇ، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى ARJ21 ئايروپىلانىنىڭ 

شىنجاڭدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن يەنە بىر يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ 

چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى ARJ21 ئايروپىلانى 

ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسىنىڭ

شىنجاڭدىكى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن 25 ئايرودۇرۇمنى تولۇق قاپلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ 

ۋاڭ جىلياڭ فوتوسى 

    بۇ قېتىم ئېچىلغان قەشقەر ئۈرۈمچى بېرىش ـ كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى EU3015/16 بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنى تۆت نۆۋەت قاتنايدۇ، بېرىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 9:15تە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 10:55تە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11:55تە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:45تە قەشقەرگە يېتىپ بارىدۇ. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سودا ئايروپىلانىنىڭ شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى يەنىمۇ زىچلاشتۇردى، بۇ، ئىككى شەھەر ئارىسىدىكى خادىملار ئالاقىسى، سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلاشتۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە 

چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ARJ21 تىپلىق ئايروپىلانى 

شىنجاڭدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان 

«چېگرا رايون تېز لىنىيەسى» تورىنىڭ 

قاپلىنىشچانلىقى ۋە راۋانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ 

تۇرپان، غۇلجا، قەشقەردىن ئىبارەت ئۈچ بازىدا 

ARJ21 ئايروپىلاندىن توققۇزنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ

40 تىن ئارتۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 

«ئېگىزلىككە چىقىش، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇچۇش، تولۇق قاپلاش» تىجارەت نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ 

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن 

كاماندىروپكىغا چىقىدىغانلار، ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارغا تېخىمۇ قولايلىق ئاۋىياتسىيە سەپىرى مۇلازىمىتى قىلدى 

    ماقالە مەنبەسى: خەلق گېزىتى تېرمىنالى 

   «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.