تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

كەنتىمىزنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى|بۇ يېزا-كەنت ۋاسكېتبول كوماندىسى قالتىس ئەزالىرىنىڭمۇ رېپىر بولغۇسى بار

تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

  7-ئايدا، جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى مەدەنىيەت مەھەللىسى ۋاسكېتبول مەيدانى بۇرۇنقىدەكلا قىزىپ كەتكەنىدى، بۇ مەھەللە ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى ئۇلاغات سېرىك بولسا تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ۋاسكېتبول مەيدانىدىن كىتاب ئۈستىلىگە يۆتكەپ، ۋاسكېتبول قائىدىسى بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ۋاسكېتبول رېپىرلىق گۇۋاھنامىسىنى ئېلىش ئىمتىھانى بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى مەدەنىيەت مەھەللىسى ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئوپچە سۈرىتى. ما دۇڭچياڭ فوتوسى 

  بۇ ۋاسكېتبول كوماندىسى شۇ جايدىكى داڭلىق ئەمەلىي كۈچكە ئىگە كوماندا، كوماندىدىكى سەككىز ئەزانىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئۇلار مەھەللىگە قايتىپ كېلىپ شۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن كەنت ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. باشقا كەنت ۋاسكېتبول كوماندىلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، كوماندىدىكى ئىككى ئەزا دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ۋاسكېتبول رېپىرلىق گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، كوللېكتىپ تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتى. 

جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى مەدەنىيەت مەھەللىسى ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى گارغا توپ ئېتىش مەشىقى قىلماقتا. ما دۇڭچياڭ فوتوسى 

  بۇ يىل بۇ بازاردا ئۆتكۈزۈلگەن كەنت ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەترەت ئەزالىرى ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، كىشىلەرگە يېزا-كەنت داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى. 

  «ۋاسكېتبول ئويناش قىزغىنلىققا، شۇنداقلا كەسپىي بىلىمنى تىرەك قىلىشقا موھتاج، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، ۋاسكېتبول مەيدانىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز. ئەمدى بىز تىرىشىپ دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ۋاسكېتبول رېپىرىلىق گۇۋاھنامىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ۋاسكېتبول رېپىرىلىق گۇۋاھنامىسىى ئېلىپ، كەسپىي رېپىرلىق بىلىملىرى ۋە ماھارىتى ئارقىلىق يېزا-كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ، جىڭ ناھىيەسىنى ۋاسكېتبول ئارقىلىق تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئۇلاغات. 

(تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن رەتلىگەن) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.