تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 7-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى چېگرا رايوننى يورۇتتى، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ شانلىق سەھىپە پۈتەيلى» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى بۇ ناھىيەنىڭ ئالار جىنساۋتەندە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان ئۆزگىچە مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى ئېلىپ كەلدى. ئارتىسلار لەرزان ئۇسسۇلى، يېقىملىق ناخشىلىرى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارتىسلىرى تۇنجى بولۇپ ئورۇنلانغان «گۈللەنگەن دەۋر» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارتىسلىرى «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق قوش كىشىلىك ناخشىنى ئورۇنلىماقتا.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارتىسلىرى «سۈزۈك سۇلار دولقۇنلايدۇ» ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، شېنجېن ئوپېرا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئورنىنىڭ ئارتىسلىرى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «يۇڭچۇن»دىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەھەر-يېزىلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە جىڭجۈ تىياتىرى «كىتاب ھىدىغا تولغان ئېگىزلىك»نى ئورۇنلىماقتا.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى كوللېكتىپ ئۇسسۇل «ۋارىسلىق قىلىش»نى ئورۇنلىماقتا.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئامما ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.