تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ ئىسلاھاتنى پىلانلايلى ۋە ئالغا سىلجىتايلى

− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى تولۇق نامايان قىلدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتتى. دىققەتنى «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ دورا ۋە خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك زور مىقداردا سېتىۋېلىشنى تەشكىللىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن «ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن 140 مىليون نوپۇسنى شەھەر - بازارلاردا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشقىچە... خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىسلاھاتنى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندا ئەڭ پۇختا تايانچقا، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچكە، ئەڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ ۋە تەتبىقلىنىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر مەزمۇن. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى تونۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ھەربىر قېتىملىق بۆسۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىكى ھەربىر يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىكى ھەربىر ساھە ۋە ھالقىدىكى تەجرىبىنىڭ يارىتىلىشى ۋە توپلىنىشى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىنىڭ مەھسۇلى. يېڭى مۇساپىدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ قىممەت يۈزلىنىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىسلاھات داۋامىدا خەلقنىڭ مۇراجىئىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا خەلقنى كۆزلەش، ئىسلاھاتتا خەلققە تايىنىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلە يەنىلا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىدۇر، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە كىرىم تەقسىمات پەرقى ھېلىھەم بىرقەدەر زور، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتا يەنىلا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىش دەل خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. ئومۇمىي يىغىن ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تېبابەت، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نوپۇس تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى مۇقەررەر خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىدۇ.

«خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.» يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشتا، «پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دېگەننى پۇختا بېكىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدا كىشىلەر ئالدىراۋاتقان، خەلق رايىغا مايىللاشقان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپلەپ يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ ئىسلاھاتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان پارتىيە. پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى كۆزلەپ، قىممەت يۈزلىنىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى سىنىساقلا، بىز چوقۇم يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تارىخقا ۋە خەلققە يېڭى، ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.