تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىدى

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى كۈچەيتىشنى شىنجاڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تەلەپچان، راستچىل بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەۋقەنى فۇنكسىيە، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە قويۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، رايون خاراكتېرلىك، ساھە خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى سىجىل قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش ياخشى سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى «تۆتنى نىشانلاش»نى چۆرىدەپ خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، سۇچىلىق نازارىتىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتىدە پاش قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، يىپ ئۇچى توپلاش ئېلانى چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تۈرلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئەرزىيەت قاتارلىقلاردا بايقالغان ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرگە دائىر يىپ ئۇچىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، بىرمۇبىر تاسقاپ، ئاساسىي سانىنى ئېنىقلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم سۇغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تىپىك دېلولارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىكى ئاجىز نۇقتىلار، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى خەۋپ - خەتەر نۇقتىلىرى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى بوش نۇقتىلارنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلغاندىلا، ئاندىن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ − ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىدىكى سەلبىي تىپىك دېلو مىساللىرى ئىبرەت خاتىرىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئالتە چوڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ھەمدە مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مەبلەغ تەقسىملەش، تۈر تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بايلىق تەقسىملەش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش، ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئاسانلا مەسىلە يۈزبېرىدىغان، چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھالقىلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئىش ئورنىدىكى پاكلىق خەۋپ - خەتىرى نۇقتىلىرىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، لايىھە، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈردى، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لار «كىچىك دائىرە»نى تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈزەش تۈرلىرىنى بېكىتىپ، شەھەر، رايون، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە بويىچە «ئۈچ دەرىجىلىك تىزىملىك»ىنى تۇرغۇزۇپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئاساسىي سانىنى ئېنىقلاپ، كەڭ دائىرىدە يىپ ئۇچى توپلاپ، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دېلولارنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈردى.

تارباغاتاي ۋىلايىتىدە، دۆربىلجىن ناھىيەسى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش ساھەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئوبوروتى ئىستاتىستىكا تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈردى؛ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «نادىر پارتىيە دەرسى بويىچە بىر ئايدا بىر دەرس» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلىدى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش، سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئەرزىيەت ھەمدە سوت قىلىشنى باشقۇرۇشتا ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى چۆرىدەپ، لايىھە، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، «ئادىللىق ۋە ئۈنۈم» باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىر - ساقچىلارنىڭ خەلق سوتى ۋە پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەرقايسى يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارغا تارقالغان سودىيەلەر ئىشخانىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى يېقىن ئارىلىقتىن ھەل قىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈش بىلەن بېجىرىشنى ئايرىش خىزمەت مېخانىزمى ۋە «بىر دېلوغا بىر كارتا بولۇش» (قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىشتىكى پاكلىق ئەھۋالىنى خاتىرىلەش كارتىسى) خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئادىل بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى توسۇپ، دېلو بېجىرىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.