تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا كۈچەش

− شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقانلىقىغا نەزەر

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

شىنجاڭنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەبىئىي شارائىتقا ئىگە. تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېنىقكى − ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلىپى بويىچە، دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، بايلىق مۇھىم ئامىلىنى جانلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى... بىر قاتار كۆرۈنەرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

«غەربىي قىسىمدىكى ئاشلىق ئامبىرى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش

يېقىندا، شىنجاڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. 7 - ئاينىڭ بېشىدا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇغداي مۇتەخەسسىسلىرى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، بۇغداي ھوسۇلىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى، شىنجاڭدىكى 100 مولۇق، 1000 مولۇق، 10 مىڭ مولۇق تۇتاش كەتكەن كۈزگى بۇغداي كۆلىمىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 795.8 كىلوگىرام\مو، 756.2 كىلوگىرام\مو، 720.4 كىلوگىرام\مولۇق نەتىجە بىلەن 2024 - يىلى مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك كۈزگى بۇغداي بىرلىك ھوسۇلىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئۇدا ئىككى يىل بۇ رېكورتنى ساقلىشى بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇش خىزمىتىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى باش ۋەزىپە، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا ئالدى بىلەن چېتىلىدىغان ساھە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، بىرئاز ئېشىنچا بولۇش»تىن «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «غەربىي قىسىمدىكى ئاشلىق ئامبىرى»نى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، «100 مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، 1000 مو يەردە بەرپا قىلىش، 10 مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى جايلار ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ۋە ئومۇمىي ھوسۇلنى ئۆستۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدا، جەنۇبىي شىنجاڭدا «يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالىدىغان يەرنىڭ ھوسۇلى 1500 كىلوگىرامدىن ئاشقان»، شىمالىي شىنجاڭدا «يىلدا بىر قېتىم ھوسۇل ئالىدىغان يەرنىڭ ھوسۇلى 1000 كىلوگىرامدىن ئاشقان» زامانىۋىلاشقان ئاشلىق ئېتىزى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. «بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭدا بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىزلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تاڭ يىۋۇ.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، پاختا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تېخنىكا كېڭەيتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن كۈچەش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %90ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكى سىجىل مۇستەھكەملەندى. ھەرقايسى جايلار ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، بازارلاشقان تىجارەت، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باغ - ئورمان كۆلىمى 22 مىليون مو ئەتراپىدا مۇقىملىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن %13ىنى ئىگىلىدى، ھوسۇلى 13 مىليون توننا ئەتراپىدا مۇقىملىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن %12ىنى ئىگىلىدى. چارۋىچىلىقتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق كېڭەيتىلىپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئەتراپىدا ئاشتى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆلچەكلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ساغلام بېقىش ۋە ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە گۈزەل سۇ رايونى مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ سۇ مەھسۇلات مىقدارى 184 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %6.36 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم ھالدا غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى.

پەن - تېخنىكا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى

بىر ئەھۋال ئېنىق نامايان بولۇپ، پەن - تېخنىكا شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم تىرەككە ئايلانماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن شەھىرى كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشىدا ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ سولياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، بىر پارچە سولياۋ يوپۇق بىلەن قاپلانغان تۈپ سانىنى ئالتە قۇردىن 12 قۇرغا كۆپەيتتى. بۇ خىل يېڭى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى يەر تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىش، نەملىكنى ساقلاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلىنى 30 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە ئاشۇرالايدۇ، سولياۋ يوپۇقنىڭ قېلىنلىقىنى ئاشۇرۇش سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %90تىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، ئېتىزلاردىكى «ئاق بۇلغىما»نى ئۈنۈملۈك ئازايتتى.

«بۇ يىل يەنە ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى ياخشىلاپ، بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئاشۇردۇق.» ساۋەن شەھىرىدىكى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئەنئەنىۋى ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئۇرۇق چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى كىرېست شەكلىدىكى ئۆردەك تۇمشۇقى شەكلىگە ئۆزگەرتتى، بۇ ئۆزگەرتىش ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ يوپۇق ئۈستىگە ئۇرۇق سېلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، بۇنىڭ بىلەن كېۋەزنىڭ بىخلىنىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا مايسا قويۇش ھالقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، پەقەت مۇشۇ بىر تۈردىلا ھەر مو يەردىن ئاز دېگەندە 30 يۈەن پەرۋىش تەننەرخى تېجەپ قېلىندى.

ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى تېزدىن كېڭەيتىپ بىرىنچى سەپتە ئەمەلىي قوللىنىش ھەم ئىشلەپچىقىرىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش مۇتەخەسسىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى، ئۇنىۋېرسال سىناق پونكىتىنى توپلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا سىستېمىسىدىن 18نى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى ئاساس قىلغان كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى تاللاپ، توپلاشقان تېخنىكا مۇلازىمىتى تىرىكى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەرقايسى جايلار ئۇنىۋېرسال تىرەك كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇچىلىق، تېرىلغۇ يەر، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىقلاردىكى كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا جابدۇق تىرىكىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدا يەنە ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش بويىچە بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، قابىللار باشلامچى بولۇشنى قانات يايدۇرۇش، يېڭى سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە مۇھىم دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقچىلىق بازىسى بولۇپ قالدى، كېۋەز، قوناق ئۇرۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى، بۇغداي ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقانچىلىق زىرائىتى ئۇرۇقلۇقى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يېتەرلىك، سورتى مول بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇرۇقلۇق تەمىناتىغا بولغان ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كېلىدىغان، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان، مۇقىم ھوسۇللۇق، يۇقىرى ھوسۇللۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزدىن 57 مىليون مو قۇرۇپ چىقىلىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان نىشانىدا چۈشۈرۈلگەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى، ئاشلىق زىرائىتى ئەلا سورتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولدى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكى، ئېتىزلاردا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ۋە سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ قاپلاش كۆلىمى 70 مىليون مودىن ئېشىپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ %85ىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 51 پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن يۇقىرى بولدى، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئومۇمىي ھوسۇل جەھەتتە مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى

ئەگەر تېخنىكا ۋە جابدۇق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى دېيىلسە، ئۇنداقتا يەردىن باشلانغان بىر مەيدان ئىسلاھات ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە نېگىزلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

«دېھقانلارنى يېتەكلەپ ئىشلەيمىز.» شايار ناھىيەسىدىكى شېڭدا تيەنيۈەن كۆكتات تېرىقچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزاسى ھىمىت مەمەت بىر جۈملە سۆز بىلەن ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، گازىر تاۋۇزى، كۆكتات، قوغۇن قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىدى، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن تېخنىكا ئۆگىنىپلا قالماي، ئۆزۈم تېرىغان كۆكتاتلارنى يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق سېتىپ چىقىرالايمەن.

تېخنىكا ئېتىز باشلىرىغىچە يەتكۈزۈلۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشىك ئالدىغا قۇرۇلۇپ، ياخشى سىياسەتلەر ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى. يېڭىچە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن چوڭ بازارنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى +» دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىشىدىكى يېڭى شەكىل بولۇپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تىجارەت تەشكىلىي شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى تېز يېتىلدۈرۈلۈپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىكىدە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت كېڭەيتىلىپ، تىپىك مىساللارنى توپلاش، رەتلەش ۋە تونۇشتۇرۇش تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا تۈرلۈك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىدىن 12 مىڭ 900ى يېتىلدۈرۈلۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىدىن 1 مىليون 230 مىڭ 200گە مۇلازىمەت قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمەت كۆلىمى 55 مىليون مو قېتىمدىن ئېشىپ، ئىلغار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنى چوڭ بازار بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يېپيېڭى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئېلىپ كەلدى، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزىلاردىكى بىكار تۇرغان مۈلۈكنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغىتىپ، دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى يولغا ئىگە قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۈرلۈك بايلىق مۈلۈكنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، كەڭ دېھقانلارنى ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى سىياسەت ۋە ئىسلاھات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ شياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلىي قۇرۇلما كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىن «ئىككى كومىتېت، بىر كوپىراتىپ»قا ئۆزگىرىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ تەشكىلىي شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىش يېزا - كەنتلەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭدا يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتىدىن جەمئىي 8958ى، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتى ئەزاسىدىن 3 مىليون 237 مىڭ 400 ئائىلە، 12 مىليون 185 مىڭ كىشى بار ئىكەن. «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ تەسىس قىلىش» يېتەكچى قىلىنغان يېزا يەر ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ساھەسىدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى ئېنېرگىيە قويۇپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.