تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلدى، مۇقىم بولدى، مۇستەھكەم بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېلاستىكلىقىنى قوغداپ، يەرشارىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.