تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى سۈت مەھسۇلاتلىرى سوۋغاتلىققا ئايلاندى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

  «چۈشتىن بۇرۇن قاينىتىپ قۇرۇتۇلغان قايماق چۈشتىلا ھەرقايسى جايلارغا توشۇلىدۇ، ھازىر دەل شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات مەزگىلى، بىزنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىمىز ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.» 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى بايلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پىششىقلاش سېخىدا، خىزمەت كىيىمى كىيگەن جۈ خۇا ئەتىسى بورتالا شەھىرى ۋە ئارشاڭ ناھىيەسىگە ئەۋەتىلىدىغان قۇرۇت ۋە قېتىق كەمپۈتى زاكاز تالونلىرىنى تەييارلاۋاتاتتى، سېختا ئەمدىلا قازاندىن چىققان پىشلاقتىن ئىسسىق ھور چىقىپ، قويۇق سۈت پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى بايلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جۈ خۇا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياسىماقتا.

سەي يۇڭجيې فوتوسى

    جۈ خۇا جىڭ ناھىيەسى بايلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا جىڭ ناھىيەسىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىۋى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە كېڭەيتىشكە كۈچ چىقارغان. ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۇرۇشلۇق جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى خۇاڭگۇڭ جەنۇبىي كەنتى چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، نۇرغۇن چارۋىچىلار ئۆيلىرىدە قوي-كالا باقىدۇ، سۈت مەھسۇلاتى كۆپ، سىرتقا سېتىشتا ئارىلىق يىراق بولغاچقا، كەنتنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى ئىزچىل ئېچىلمىغانىدى.

   «مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا چوڭلاردىن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياساشنى ئۆگەنگەن، ئۆزۈممۇ يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇنىڭ بىلەن يېڭى سۈت سېتىۋېلىپ، ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئويىغا كەلگەنىدىم.» ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ئۈستىدە توختالغاندا، جۈ خۇانىڭ دەسلەپتىكى ئويى ناھايىتى ئاددىي ئىدى.

   2017-يىلى، خۇاڭگۇڭ جەنۇبىي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى باشلامچى بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۈ خۇانى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، قاقلاپ قۇرۇتۇش، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسى، قايماق پىششىقلاش ماشىنىسى، توڭلىتىپ سوغۇق ساقلاش ساندۇقى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزدى، تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق، مۇقىم پىششىقلاش لىنىيەسى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. «ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى توكلۇق ماشىنا بولۇپ، ئەنئەنىۋى ياساش ئۇسۇلىغا قارىغاندا كۆپ قولايلىق» دېدى جۈخۇا.

   مەھسۇلاتلارنى بازارغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، جۈ خۇا «بايلىق» ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، كەنتتىكى باقمىچىلىق مەيدانى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى ئاچتى. ئۇ ياسىغان ئەسلىي تەم، ئەسلىي پۇراقلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى، مەھسۇلاتلىرى دائىم ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى.

   جۈ خۇانىڭ قارىشىچە، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇشىنىڭ ئارقىسىدا ۋارىسلىق قىلغان ھۈنىرى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ سىرى يەنە يېڭىلىق يارىتىشقا يوشۇرۇنغانىدى. «مەن دائىم باشقا جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۆگىنىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەھسۇلات تۈرلىرىنى بېيىتىم.» بۇ يەردە سۈتنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى − پىشلاق، قايماق، سۈزمە، قېتىق، سۈت ھارىقى... «ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئىشلەپچىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ئون نەچچە خىلغا يەتتى، بىز ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن سوۋغات قۇتىسى ياسىدۇق، توي زىياپىتى، بايرام ئۆتكۈزگەندە سوۋغاتلىق قىلىشقا بولىدۇ، سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى ياخشى» دېدى جۈ خۇا كۈلۈپ تۇرۇپ.

   بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بورتالا شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسىدە ئەمەلىي دۇكىنى ئالتىگە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىللىق ساپ پايدىسى 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.