7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇچىسىغا مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن قىزلار 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىدە نومۇر ئورۇنلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ چاۋ فوتوسى
ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە 82 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات قاتناشتى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانا 2000دىن ئاشتى، بۇلار ئىچىدە يېرىمغا يېقىنى چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلار بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى قاپلىدى.
7-ئاينىڭ 23-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي كۇنمىڭ ديەنچى خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ چاۋ فوتوسى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، كىشىلەر 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭيى فوتوسى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، كىشىلەر 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى جەنۇبىي ئاسىيا سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ چاۋ فوتوسى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، پاكىستان كۆرگەزمە رايونىدىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر بىر خېرىدارغا خاس تاۋارلارنى تونۇشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ليەنفېن فوتوسى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سارىيىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭيى فوتوسى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، كىشىلەر جەنۇبىي ئاسىيا سارىيىدىن تاۋار سېتىۋالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭيى فوتوسى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، كىچىك دوست گانا كۆرگەزمە رايونىدا ئافرىقا دۇمبىقى چېلىشنى ھېس قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭيى فوتوسى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى جەنۇبىي ئاسىيا سارىيىدا بىر ئايال سىرىلانكا قىزىل چېيىنى تېتىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ يىكەي فوتوسى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى جەنۇبىي ئاسىيا سارىيىدا ئىككى ئايال خاس تاۋارلارنى تاللىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ليەنفېن فوتوسى
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى