تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قەشقەر مىس بۇيۇملىرى ھۈنەرۋەنلەرگە خاس ماھىرلىق

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئابدۇرېيىم ئەلى قەشقەر مىسكەرچىلىكىنىڭ 6-ئەۋلاد ۋارىسى، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ بوۋىسى ۋە دادىسىغا ئەگىشىپ مىس بۇيۇملارنى ياساشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ياسىغان مىس بۇيۇملىرىدا ھۈنەرۋەنگە خاس ماھىرلىق چىقىپ تۇراتتى. ھازىر ئۇ ئىنىسى بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بىر مىس بۇيۇملار دۇكىنى ئېچىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچقانداق چېرتيوژ كېرەك ئەمەس، پەقەت خېرىدار ئەۋەتكەن بۇيۇملارنىڭ سۈرىتى بولسىلا، ئوپمۇ ئوخشاش دېگۈدەك مىس بۇيۇملارنى ياساپ چىقالايدۇ.

   2015-يىلى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئابدۇرېيىم مىس بۇيۇملار دۇكىنىنىڭ كىرىمى بارغانسېرى كۆپەيدى، ساياھەت  ئاۋات پەسلىدە مىس بۇيۇملار دۇكىنىنىڭ بىر كۈنلۈك كىرىمى 5000 يۈەن ئەتراپىغا يەتتى.

   2021-يىلى قەشقەر «ئۇيغۇر مىس بۇيۇم ياساش ھۈنەر-سەنئىتى» دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.