ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
7- ئاينىڭ 22- كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023- يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئىستاتىستىكىسىدىن تېز مەلۇمات ئېلان قىلدى.
تېز مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى مەملىكەت بويىچە مائارىپ خىراجىتى ئومۇمىي سېلىنمىسى 6 تىرىليون 459 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022- يىلىدىكىدىن %5.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى 5 تىرىليون 43 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022- يىلىدىكىدىن %4 ئاشقان. 2023- يىلى مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ، ئالىي مائارىپ خىراجىتى ئومۇمىي سېلىنمىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 538 مىليارد 200 مىليون يۈەن، 2 تىرىليون 842 مىليارد 700 مىليون يۈەن، 1 تىرىليون 15 مىليارد 400 مىليون يۈەن ۋە 1 تىرىليون 764 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2022- يىلىدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %4.7، %6.0، %6.2 ۋە %7.6 ئاشقان.
ئىستاتىستىكا تېز مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023- يىلى مەملىكەت بويىچە يەسلى، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى بېشىغا توغرا كەلگەن مائارىپ خىراجىتى ئومۇمىي چىقىمى 2022- يىلىدىكىدىن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %8.8، %4.3، %2.7، %3.8، %0.7، %3.9 بولغان.