تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى | 33- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پارىژغا يېتىپ باردى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 7- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ خېڭجى، شۈ شىخاۋ، ۋاڭئەن خاۋۋېي) 33- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 22- چېسلا پارىژغا يېتىپ باردى، ئۆمەك ئىشتابىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەممە ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 22- چېسلا سائەت 18لەردە، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدىن ئايروپىلاندا پارىژغا يېتىپ كەلدى. مۇخبىر دېگول ئايرودۇرۇمىدا دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى گاۋ جىدەن ۋە ئۆمەك ئىشتابىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىشتابىدىكى خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى پارىژغا كېلىپ بولغان، شۇ كۈنى يەنە جۇڭگو سۇ توپ كوماندىسى شاڭخەيدىن ئايروپىلاندا پارىژغا يېتىپ بارغان.

7- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى گاۋ جىدەن (ئوڭدىن بىرىنچى) ۋە ئۆمەك ئىشتابىنىڭ خىزمەتچىلىرى پارىژ دېگول ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

 بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسى، جۇڭگو پەي توپ كوماندىسى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسى قاتارلىق بىرقانچە كوماندا پارىژغا مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ باردى ھەمدە ماسلىشىش مەشىقى قىلدى.

 پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 13- چېسلا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، 405 تەنھەرىكەتچى 30 چوڭ تۈر، 42 تارماق تۈر، 236 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان كىچىك تۈر سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.