ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېرىم ئەسىر ئىشلىتىلگەن «ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى» دېگەن بۇ نام «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى» دەپ ئۆزگەرتىلمەكچى، نۆۋەتتە ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا.
7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، «ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى» دېگەن نامنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى»غا ئۆزگەرتىشكە قوشۇلماقچى بولدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى ۋە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ كەسمە سۈرىتى
پىكىر توپلاش ۋاقتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 7- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ. ئاشكارىلاش مەزگىلىدە ئەگەر پىكىر- تەكلىپ بولسا، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پوچتا ساندۇقى jcnkbz@163.comغا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.
بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا ئۇچۇپ كەلدى (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى 1939- يىلى قۇرۇلغان، 1971- يىلى تۇنجى قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغاندا، ئايرودۇرۇم شىمالىي شەھەر ئەتراپىدىكى دىۋوپۇ يېزىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى» دەپ نام بېرىلگەن ھەم ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن.