تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

جانلىق تەڭشەلدى! داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنىڭ 2.0 نۇسخىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسىنى چۈشىنىۋېلىڭ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 7- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى (كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش 2.0 نۇسخىسىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسى)نى تونۇشتۇردى.

2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان %90تىن ئارتۇق رايوندا كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەننەرخنى كونترول قىلىشى، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. لېكىن ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان گۇرۇپپىلارغا ئايرىش دەل جايىدا بولماسلىق، كىلىنىكىغا يېقىن بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى گۇرۇپپىلارغا ئايرىشنى جانلىق تەڭشەپ، 2.0 نۇسخىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسىنى شەكىللەندۈردى. كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش، تارىخىي سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق دەل جايىدا ئۆلچەش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى تۈجۈپىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ «كۆپ پۇل خەجلەش، كۆپ پۇل تېپىش» ئاساسىي ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەننەرخنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لۇڭ شياۋچىن)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.