تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

2024-يىللىق ئالاقىدار ئۆلكە، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ

  2024-يىللىق ئالاقىدار ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپى دېيىلىدۇ)غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 12دىن 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 16گىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئومۇمەن تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بىردەك تولدۇرسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپلىرىنى تاللاش ئارزۇسى بار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جەزمەن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn، تۆۋەندىمۇ شۇنداق)گە كىرىپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى» ئىستونىدىن «ئارزۇ تولدۇرۇش» ← «ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىن شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپلىرىغا ئارزۇ تولدۇرۇش» ← «تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى چېكىپ كىرىپ، تەلەپ ۋە تەرتىپ بويىچە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالاقىدار ئۆلكىلىك (شەھەرلىك) مائارىپ نازارىتى (مائارىپ كومىتېتى) بېكىتكەن مەكتەپ ۋە كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن (سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ)، ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارزۇ تولدۇرۇشنى بالدۇرراق تاماملىشىڭلارنى سورايمىز.

   شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئادەتتىكى پىلان ۋە مەخسۇس تۈر پىلانىغا بۆلۈنىدۇ، ھەر قايسىسىدا 12 تەڭ دەرىجىلىك ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، ھەربىر ئارزۇغا بىر مەكتەپ، بىر كەسىپنى تولدۇرسا بولىدۇ. مەخسۇس تۈر پىلانىدا نوپۇسى ئاقسۇ ۋىلايىتى (بىڭتۇەن 1-شىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى (بىڭتۇەن 3-شىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خوتەن ۋىلايىتى (بىڭتۇەن 14-شىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)دە تۇرۇشلۇق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كەسىپ ئىزاھاتىدىكى «XX رايوندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» تەلىپىگە ئاساسەن ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. ئادەتتىكى پىلانغا بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولدۇرسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى سانغا ئاساسەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى بېكىتىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوقۇغۇچى مەنبەسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن ۋاقىت، ئورۇن ۋە تەلەپكە ئاساسەن، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئىدىيەۋى-سىياسىي، ئەخلاق خەھەتتىن باھالاش ۋە نوپۇس تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. ئومۇمەن شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم (تېخنىك ئىشچىلار، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

  «2024-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ [2024] 3-نومۇرلۇق ھۆججىتى)نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيەدە لاياقەتلىك بولۇش نەتىجىسى 30 نومۇر بولۇپ، قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىنىدۇ، لېكىن ئومۇمىي نەتىجىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

   ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سىستېمىغا كىرىش مەخپىي نومۇرى ئورنىتىش ۋە ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئاسان يەشكىلى بولمايدىغان، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى مەخپىي نومۇرغا ئۆزگەرتىپ، مەخپىي نومۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەخپىي نومۇرنى قايتا ئورنىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ھەرقايسى جايلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، ئىدىيەۋى-سىياسىي، ئەخلاقىنى باھالاش ۋە نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى ۋە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.