تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ توردىكى پارچە سېتىش بازىرىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى مۇستەھكەملىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشقان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ خاس تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمىتىگە بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ ماددىي بۇيۇم تىپىدىكى نەرسىلەرنى توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك ـ ساغلاملىق بۇيۇملىرى، كىيىم ـ كېچەك، ئاياغ، سومكا، تەنھەرىكەت ـ دالا بۇيۇملىرى قاتارلىق ئىستېمال ساھەلىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، توردا پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانغان.

شىنجاڭ ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل كېڭەيتىش ئارقىلىق، تور ساياھىتى، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ياراتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا مۇلازىمەت تىپىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 5.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. يېزا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسى بەرپا قىلىشنى، يېزا رەقەملىك ئىستېمال ھالىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمى تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 5.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە يېزا سودا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «ئېلېكتىرونلۇق سودا + ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىكى ئامبار + ئەۋەتىش ـ يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى» ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىقلار توردا پارچە سېتىش سوممىسىدا مۇھىم نىسبەتنى ئىگىلىدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56 ئاشتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 500 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %84 ئاشتى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەمئىي 45 مىڭ مەيدان قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.