تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يەنە ئېگىز چوققىغا چىقىپ يېڭى مەنزىل ئېچىش

− «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ بارلىققا كېلىش خاتىرىسى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، لىن خۇي، خۇ خاۋ

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت يەنە بىر تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى −

2024 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» رەسمىي ماقۇللاندى.

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي پەيتتە، يەنە بىر قېتىملىق ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن غەلىبىلىك ئېچىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇرغىسى مۇقەددەس جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىرادىدىن يانماي، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئېچىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىش

− جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان تۈزۈلمە ـ مېخانىزملاردىكى مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش

2024 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، بىر مۇھىم خەۋەر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېلېكتىر دولقۇنى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى −

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 7 ـ ئايدا پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى».

«جۇڭگونىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپ جەدۋىلىدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك 3 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ ھەممىسىدە ئىسلاھات قارالمىلىرى نىشانلىنىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان تەرەققىياتى پىلانلاندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شۇڭا كىشىنى تولىمۇ تەقەززا قىلىدۇ»... مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققەت نەزەرى بەس ـ بەستە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق 3 ـ ئومۇمىي يىغىن − 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىغا ئاغدۇرۇلدى.

3 ـ ئومۇمىي يىغىن يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ قەلبىدە زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

پارتىيە 11 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى.

پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىشلار تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى.

پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق سىياسىي جاسارەت ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، دادىل ۋە كەسكىن ئىشلەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابى قىلالىغان ئەمەس، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كەڭ دائىرىلىك، بۇنداق زور كۆلەملىك، بۇنداق زور سالماقلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولالىغان ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە ئىسلاھات مۇساپىسىدە مۇشۇنداق تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى قولغا كەلتۈرەلىگەن ئەمەس.

يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە نەزەر سالساق، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىمۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

ۋاقىت سادىق گۇۋاھچى، خەلق ئۇلۇغ قەلەم تەۋرەتكۈچى.

2022 ـ يىلى ئالتۇن كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدى −

«ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش».

ئۇلۇغۋار گۈللىنىش مۇساپىسى يەنە بىر يېپيېڭى كۈرەش قىلىش كوردىنات بەلگىسىنى سالدى.

«يېڭى مۇساپىدە، نېمىگە تايىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ؟ جاۋابى دەل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئۆتكۈر ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، نەزەرىيە يارىتىش ئىقتىدارى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ھازىرقى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىت مىسلىسىز مۇرەككەپ، زىممىمىزدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى مىسلىسىز مۈشكۈل، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالى بىزگە تېخىمۇ قىيىن ئىمتىھان سوئالى چىقاردى.

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، قانداق قىلغاندا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، كىرىزىس داۋامىدا يېڭى پۇرسەت ياراتقىلى، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت ئاچقىلى بولىدۇ؟

خەلق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تاللىشىغا تەقەززا بولماقتا، دەۋر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاۋاب قەغىزىنى كۈتمەكتە.

بۇ قېتىمقى 3 ـ ئومۇمىي يىغىندا قانداق قارالمىنى مۇھاكىمە قىلىش، قانداق قارار چىقىرىش، قانداق تەدبىر قوللىنىش، قانداق سىگنال قويۇپ بېرىش، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىپ كەلدى.

«ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز داغدام قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتا ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشكە تايانغان».

«پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشتىمۇ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشكە تاياندۇق».

«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، يەنىلا ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشكە تايىنىشىمىز كېرەك».

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، كەلگۈسىنى پىلانلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمى سەگەك ھەم قەتئىي بولدى.

تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەندىلا، ئاندىن جاھاندىكى توغرا يولدا ماڭغىلى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات دولقۇنىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ يۈكسەلگىلى بولىدۇ −

كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق؛

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق؛

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق؛

زور خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق...

2023 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئىلگىرى ـ كېيىن يىغىن ئېچىپ، ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولغان بىر تۈرلۈك مۇھىم قارارنى چىقاردى − پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلدى ھەم قارار چىقاردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالدى.

پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باش تېمىسى نېمە ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ بېكىتىلدى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئېچىپ بەردى: «دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى قويۇپ بېرىمىز».

تارىخنىڭ ئۇزاق كۆرۈنۈشىنى ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە تۇرۇپ نەزەر سالغاندا، بۇ باش تېما ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر مەنىنى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك −

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش بولۇپ، مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكى مىسلىسىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مۇقەررەر ھالدا تۈرلۈك ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، يېڭى نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشتا جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىش كېرەك.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نىشانلاش كېرەك −

پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش − پارتىيەنىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، نىشان ئېنىق بولۇشقا، نىشانلىق ئىش كۆرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش زىچ باغلىنىشلىق، ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ تۈپ نېگىزى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە ـ مېخانىزملارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشتا.

باش تېمىنى بېكىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش.

ھەربىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەربىر مەيدان سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى پىرىنسىپى، نىشان ـ ۋەزىپىسى، مۇھىم تەدبىرلىرى، ئىلمىي يولى قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدىكى مەسىلىلەر، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، خىزمەت مېخانىزمى، ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلىنى ئىلمىي پىلانلاپ، مۇشۇ ئاساستا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«دەۋرنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشىگە، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشتەك قەتئىي ئىرادە بىلەن، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەي، ئۆزىنى قاچۇرماي، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان بارلىق تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدىكى توسالغۇلار ۋە چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، دەل جايىدا كۈچەيدىغان، ماس كۈچەيدىغان، سىجىل كۈچەيدىغان، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

ئىسلاھات بۈيۈك بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى، دەۋر چوڭ دولقۇنىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، ئىشەنچ ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش

− ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنى باشتىن ـ ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئىشقا سېلىشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈش

2023 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى ھۆججەتلىرىنى تەييارلاشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى كۆپچىلىككە تاپشۇرۇشى كۆپچىلىككە تولۇق ئىشەنگەنلىك، شۇنداقلا بۇ، كۆپچىلىكنىڭ شەرىپى ۋە مەسئۇلىيىتى.» نەق مەيداندا، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىدىكى 70 نەچچە يولداش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان ئومۇمىي يىغىن ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

شۇنىڭدىن كېيىنكى 200 نەچچە كېچە ـ كۈندۈزدە، ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى جىددىي ئىشلەندى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئىسلاھات ھۆججىتى تەييارلاندى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، كۆپچىلىك چوڭقۇر ئويلاندى: ھەرقايسى ساھەلەر دۇچ كەلگەن ئاساسلىق مەسىلە زادى نېمە؟ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قايسى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدىكى مەسىلىلەرنى، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؟

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىشتا، دېموكراتىيەنى كەڭ جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇ، بىزنىڭ پارتىيەنىڭ مۇھىم ھۆججىتىنى تەييارلىشىمىزدىكى بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئىشقا سېلىشنى ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك».

2023 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى توغرىسىدا پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەلگىلىك شەكىل ئارقىلىق پارتىيە سىرتىدىكى بىر قىسىم زاتلاردىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى.

ئۇزاق ئۆتمەي، پارتىيە ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، دۇنيا ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئويلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن 111 پارچە پىكىر ۋە تەكلىپ تەرەپ ـ تەرەپتىن توپلاندى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدى بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئاندىن قەلەم تەۋرىتىش.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئاساسىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى توغرا تېپىپ، نىشانلىق كۈچەش، دەل جايىدا ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بىپايان مۇنبەت دالا، زۇمرەتتەك سۇلار تەكشى مۇنبەت ئېتىزلارنى ئوراپ تۇراتتى. 2024 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرىنىڭ دىڭچېڭ رايونى شيېجياپۇ بازىرىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ مولۇق ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلەك رايونىغا كېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسىدىكىلەر، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى...

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يازلىق پەرۋىش، كۈزلۈك يىغىم، قىشلىق ساقلاش، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا «جۇڭگو تاماق قاچىسى»غا كۆڭۈل بۆلۈپ، كەڭ كەتكەن تۇپراقتا تۇرۇپ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش ۋە يېزا ئىسلاھاتى مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلاندى.

چوڭقۇر چۆكۈپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدىن جاۋاب ئىزدىدى − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، باشلامچىلىق بىلەن نەمۇنە بولدى.

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ ئىدىيەسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇددىئاسى، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، پىكىر يۈرگۈزدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ مەركەزلىك ئىسلاھات نىشان نۇقتىسىنى شەكىللەندۈردى.

2023 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، ئومۇمىي يىغىننىڭ نۇقتىلىق تېمىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، مەركەزدىكى 55 ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇن 38 نۇقتىلىق تېما بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن 78 پارچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى شەكىللەندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 16 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

2023 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ قارالمىلىرى توغرىسىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى ھەم ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، بىرمۇبىر ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى ھەم بىر ئادەمگە بىر ئارگىنال سۆھبەت خاتىرىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرىنىڭ پىكرى ھەم ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ سۆھبەت دوكلاتىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، مۇھىم پىكىر ـ تەكلىپلەرگە قارىتا يەنە تەستىقىي ئىزاھات بەردى.

بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تارماق ۋە ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەخسۇس تېمىدا دەلىللەش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش... زور ئىسلاھات تېمىلىرىغا دەل مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىلدى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىش، بۇ بىر تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە.

بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: «توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا مەيلى قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق تۈپ ئىشلاردا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى، ئىسلاھ قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ياخشى ئىسلاھ قىلىپ، جايىدا ئىسلاھ قىلىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە، ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارى «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئومۇمىيلىق، يېتەكلەش رولىنى ئوينايدىغان ھۆججەت بولۇشى، جەزمەن مۇھىم نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە قويۇشى كېرەك».

«ئادەتتىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يازماي، تەرەققىيات خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى يازماي، مەركەز ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇۋاتقان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يازماي، قارار نۇسخىسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى، ئىسلاھات پۇرىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، ئالاقىدار مۇھىم ھۆججەتلەر، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىر ـ تەكلىپلەر، مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، سۆھبەت ماتېرىيالى، تېما تەتقىقات دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرى خاتىرىسى ۋە تىزىملىكى جەملەپ شەكىللەندۈرۈلۈپ، قارار ئارگىنالىنى تەييارلاش پۇختا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئاساسى بىلەن تەمىنلەندى.

شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، مېغىزىنى ئىلغاپ، لازىم بولىدىغانلىرىنى تاللاش كېرەك. قايتا ـ قايتا سېلىشتۇرۇپ تاللاش، تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ ئېھتىياجلىق، خەلق ئاممىسى ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەڭ تەخىرسىز، رېئال شارائىت ئەڭ ھازىرلانغان زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى ھۆججەتكە كىرگۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 21 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى 53 تارماق ۋە ئورۇننىڭ تەشكىللەپ دەلىللىشىگە ھاۋالە قىلىندى ھەم دەلىللەش نەتىجىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈپ تاللاندى −

ئورتاق تونۇش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىن ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىردەك قۇۋۋەتلىگەنلىرى كەسكىن كىرگۈزۈلدى؛

ئورتاق تونۇش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، لېكىن كونكرېت بايان قىلىش جەھەتتە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئالاقىدار پىكىر ـ تەكلىپلەرگە ئاساسەن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىندى، بايان قىلىنىشى ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

2024 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، قارارنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى تارقىتىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىندى.

«كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلاش ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتۇق.» 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ قارار ئارگىنالىغا بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىن ئاخىرلاشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تاپىلىدى: «بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، كۆپچىلىك داۋاملىق چوڭقۇر ئويلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر مەركەزلىك بولغان پىكىر ـ تەكلىپلەرنى توپلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا پائال تۆھپە قوشسا بولىدۇ».

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە شەندۇڭ جىنەندە كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەۋەككۈل سېلىنمىنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

ئەستايىدىل كىشىلەر شۇنى ئاسانلا بايقىۋالالايدۇكى، سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان كارخانا ۋەكىللىرى ئىچىدە دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپلا قالماي، يەنە چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار، ئىسلاھات ھۆججەتلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەڭ كەڭ خەلق رايى ۋە ئەقىل ـ پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن.

نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلدى، قايتا ـ قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، قارار ئارگىنالى ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىندى، ئىنچىكە پىششىقلاندى، بۇ جەرياندا 38 قېتىم ئارگىنال چىقىرىلدى. مۇھىم ھۆكۈم، زور تەدبىرلەردىن تارتىپ، يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش، سۆز ـ جۈملىلەرنى ئىشلىتىشكىچە، ئەمەلىي، ئېھتىياتچان، دەل جايىدا بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىندى.

5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 1911 تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، تەكرارلانغان پىكىرلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن 1756سى قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە پىرىنسىپال پىكىر 135، كونكرېت تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى 1621 بولدى.

بۇ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغانلىرى ئىمكانقەدەر قوبۇل قىلىنىپ، 221 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

قارارنى تەييارلاش جەريانى ئىسلاھاتنى پىلانلاش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش جەريانى بولدى، شۇنداقلا كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدىغان جەريان بولدى.

بۇ مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىككى قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنى قاراپ چىقتى، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى يوللىغان ھەربىر ئارگىنالنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈپ چىقتى، تەكشۈرۈپ تۈزەتتى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

قايتا ـ قايتا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، دەلىللەش، تەتقىق قىلىش، قايتا ـ قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بېيىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق قارار ئارگىنالى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قايتا ـ قايتا پىششىقلاش جەريانىدا كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى.

7 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تارىخىي بۇرچ يۈكلەنگەن، پارتىيە رايى ۋە خەلق رايى مۇجەسسەملەنگەن بۇ ھۆججەت پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان 199 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، 165 نەپەر مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزاسى، يەنە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان يولداشلار ئون گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلدى، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تولۇق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار جەمئىي 205 تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى بەردى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى بۇ پىكىر ـ تەكلىپلەرگە ئاساسەن، مۇزاكىرە نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كەچتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئومۇمىي يىغىن ھەرقايسى گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇزاكىرە ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئاڭلاپ، قارار ئارگىنالىنىڭ 25 جايىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. شەكىللەنگەن تۈزىتىلگەن نۇسخىسى 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي يىغىننىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىكىر ئېلىشىغا سۇنۇلدى، كېيىن يەنە ئىككى جايغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «قارار» لايىھەسى شەكىللەندى.

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «قارار»نىڭ باش تېمىسى روشەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، يۆنىلىشى ئېنىق، تەدبىرلىرى كونكرېت بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش توغرىسىدا قىلىنغان قايتا جاكار بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، تولۇق غەيرەتكە كەلدۇق، ئىشەنچكە تولدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رول تۇتۇپ يول باشلىغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوت مۇقەررەر ھالدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئاچىدۇ.

ئىسلاھات ئۇلۇغ پىلانىنى تۈزۈپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى يەنە باشلاش

− ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

«ماقۇللاندى!»

7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

بۇ، پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، «قارار»دا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي پىلانلانغان بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى.

20 مىڭ خەتلىك بۇ ھۆججەت 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان، قەتئىي ئىرادە ۋە چىن ئېتىقاد بولغان ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى، جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك جاراڭلىق ساداسىغا گۇۋاھ بولدى.

«قارار» جەمئىي 15 قىسىم بولۇپ، «1 + 13 + 1»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەككە ئايرىلىدۇ. 1 ـ بۆلەك ئومۇمىي بايان بولۇپ، ئاساسلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپى بايان قىلىنغان. 2 ـ بۆلەك خاس بايان بولۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يېتەكچى قىلىنىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 3 ـ بۆلەكتە ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۆزلەنگەن.

كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، قارار لايىھەسى جەمئىي 60 ماددا بولۇپ، دەل پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىكى 60 تۈرلۈك تەدبىر بىلەن ماس جىپسىلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە روشەن ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنغان.

نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسىنى سىڭدۈرۈش ۋە نامايان قىلىش −

«قارار»دا يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بۇ باش نىشان ھەم پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانى بىلەن تومۇرداش، ھەم پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بىلەن جىپسىلاشقان بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشان يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

«قارار» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن، ئۇنىڭدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى نىشانلاش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نىشانلاش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى نىشانلاش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى نىشانلاش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىشنى نىشانلاش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاشتىن ئىبارەت «يەتتىنى نىشانلاش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بارلىق ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلىرى مۇجەسسەملەنگەن.

ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ مەزمۇت ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «قارار»دا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» پىرىنسىپىنى جەزمەن ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» پىرىنسىپى ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ ئىلمىي يەكۈنلىنىشى بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا جەزمەن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق تۇتقىسىنى تۇتۇش −

ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچىسى. «قارار»نىڭ 13 قىسمىدىكى خاس باياندا ئىقتىسادىي ساھەگە چېتىلىدىغىنى ئالتە قىسىم بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ سالمىقىنىڭ زورلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«قارار»دا يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، باشقا ئىسلاھاتلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى چىقىرىش، مەمۇرىي ۋاسىتە، جىنايى ئىشلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ماجىراغا ئارىلىشىشنى توسۇش ۋە تۈزىتىش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى ئېنىقلاپ بىكار قىلىش، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق مەنپەئىتىگە دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئوخشاش مەسئۇلىيەت، ئوخشاش جىنايەتكە ئوخشاش جازا بېرىشنى يولغا قويۇش...

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قارار»دا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولى تۈزۈم تەمىناتىنى كۈچەيتىش، كېلەچەك كەسىپلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، مالىيە ـ باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جايلارنىڭ مۇستەقىل مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش، يەرلىك باج مەنبەسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئىسلاھاتلار ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يارىتىلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلىدۇ.

ئىقتىساد ساھەسىدىلا ئەمەس، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە... «قارار»دا ئېھتىياج يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاساسىي زىددىيەت چىڭ تۇتۇلۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك، مەشغۇلاتچانلىق كۈچەيتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچ كەلگەن ھەر جەھەتتىكى مەسىلىلەر ۋە خېيىم ـ خەتەر، خىرىسلار ئىسلاھات ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تۈگىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ، دۆلەت ئىدارە قىلىش بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش −

«قارار»نىڭ تولۇق تېكىستىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىش ـ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىدەك قارىماققا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ كىچىك ئىشنىڭمۇ مەركەزنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقايمىز.

پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلىدۇ:

جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنىڭ نوپۇس چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنىدۇ، ئۆي ـ زېمىن كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى تېز بەرپا قىلىنىدۇ، نوپۇس تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئىختىيارىي، ئېلاستىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىدۇ...

خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇر چاچتى.

سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش −

شاھماتقا ماھىر كىشى ھامان شاھمات ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، تەدبىر بەلگىلەشكە ماھىر كىشىلەر يىراقنى كۆزلەيدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يېتەكچىلىك رولغا ئىگە سىياسىي ھۆججەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، «قارار»دا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتى چىقىش قىلىنىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇللۇق ۋە يېتەكلەش رولىغا ئىگە زور تەدبىرلەر پىلانلىنىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى بىرىكتۈرۈش كۈچەيتىلدى.

«قارار»نىڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم مەسىلىلەر يېتەكچى قىلىنىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش رامكىسى ئىچىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق زېھىن ۋە كۈچنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەشكە، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان.

«ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى بەرپا قىلىش»نى مىسالغا ئالساق، «قارار»دا مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى بۆلەكلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سىياسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىش −

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش شەرت.

«قارار»دا پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى مەخسۇس بىر بۆلەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ھەم پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ۋە سىياسىي كاپالىتى قىلىش، ھەم يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى بېيىتىش... بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىيلىك ۋە سەگەكلىكنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، سەپەرگە ئاتلىنىش. ھالبۇكى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تۇتمىغاندا، ھەرقانچە ياخشى نىشان، ھەرقانچە ياخشى پىلانمۇ پەقەت ئەينەكتىكى گۈل، سۇدىكى ئاي بولۇپ قالىدۇ.

«قارار»دىكى 60 ماددىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ماددىسىدا «ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش» گەۋدىلىك تەكىتلەندى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلىسە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرالايدۇ.

بۇ، بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان خىتابنامە، شۇنداقلا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى يول خەرىتىسى. «قارار»دا پارتىيەمىزنىڭ تۇرۇۋاتقان دەۋر مۇھىتى، خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىس، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمى مۇجەسسەملەنگەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم پىرىنسىپ، ئومۇمىي نىشان، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چوڭقۇر ئىگىلىشى مۇجەسسەملەنگەن، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشقا بولغان چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى، يىراقنى كۆزلىشى ۋە ئىرادىسى، جاسارىتى مۇجەسسەملەنگەن.

تارىخنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالساق، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى باشلاشتىن، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ باشلاشقىچە، يەنە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، ئۈچ قېتىملىق «3 ـ ئومۇمىي يىغىن» ئىزچىل تومۇرداش بولۇپ كەلدى:

− جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، سىناق ئالدىدا، بىز ئىرادىمىزنى ئۆزگەرتمەي، يولىمىزنى ئۆزگەرتمەي، ھەرقانداق بوران ـ چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزىمىزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماي، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك.

− ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، نىشاننى پۇختا بېكىتىپ، پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرىلەش كېرەك. ئىسلاھات مۇساپىسىدە كۆرۈلگەن ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، «ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىش قىلماسلىق»، «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ۋەدىلەرنى بەرمەسلىك»، بەلكى قىيىنچىلىقلارنى بىر ـ بىرلەپ يېڭىپ، مەسىلىلەرنى بىر ـ بىرلەپ ھەل قىلىپ، ھەم تەدبىر قوللىنىشقا جۈرئەت قىلىش، ھەم تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

− پۇقرالارنىڭ ئىشىنى مەڭگۈ ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىش كېرەك. ھەممىدە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشنى ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ لوگىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسى ۋە قىممەت تايانچى قىلىش كېرەك.

− كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنى ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەنە ئېگىز چوققىغا چىقىپ يېڭى مەنزىل ئېچىش، يەلكەننى تېخىمۇ ئېگىز چىقىرىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «قارار»دىكى «چوڭ سىزما»نى «نەپىس سىزما» «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوقۇم پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چوقۇم مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە چوقۇم تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى نامايان بولىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.