تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسىنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭ داشۆگە كەلدى

    تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، 40 نەپەر بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسىدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئوقۇغۇچىلىرى سەككىز كۈنلۈك «ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونى چۈشىنىش، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭنى ھېس قىلىش» تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرىنى باشلىدى.

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، تەتقىقات - ئۆگىنىش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى شىنجاڭ داشۆنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا يان تېلېفوندا سۈرەتكە تارتماقتا.

    شۇ كۈنى تەتقىقات -ئۆگىنىش ئۆمىكى شىنجاڭ داشۆگە بېرىپ، مەكتەپ تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. مۇزېيغا قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر، ماددىي بۇيۇملار ۋە يېزىق تىزىلغان بولۇپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ تارىخى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش مۇساپىسى جانلىق نامايان قىلىنغان. ئارقىدىن تەتقىقات - ئۆگىنىش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، تەتقىقات - ئۆگىنىش ئۆمىكىدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى شىنجاڭ داشۆسىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلىمەكتە.

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىرلىكتە شىنجاڭ داشۆدە تەسىس قىلىنغان «بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسىنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ئەمەلىيەت بازىسى»نىڭ يوپۇقىنى ئاچماقتا.

7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، تەتقىقات - ئۆگىنىش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.