تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تومۇزدا، گۇيۈەنشياڭ ئاھالىلىرى سۇ چېچىپ كۆڭۈللۈك ئوينىغاچ سالقىندىدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تومۇز، ئۈرۈمچىدە ھاۋا تولىمۇ ئىسسىق بولدى. گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى قورۇسىدىكى «تاۋۇز يېيىش جېڭى»، «شادلىق سۇ چېچىش بايرىمى» كىشىلەرگە خۇشاللىق ۋە سالقىنلىق بېغىشلىدى.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تومۇز، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، بالىلار سۇ چېچىپ خۇشال ئوينىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

  تومۇز، 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى 12-مەۋسۇم، شۇنداقلا ياز پەسلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۇم. شۇ كۈنى سائەت 18دە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى قورۇسىدا، ئاھالىلەر «تومۇزدا سالقىنداپ ياز كۈنلىرىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىش» پائالىيىتىگە قاتناشتى. مەھەللىدىكى كىچىك دوستلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن نەق مەيداندا «24 مەۋسۇم» ھېكايىسىنى چۈشەندۈردى.

  خوۋ يىنىڭ قۇياشنى ئېتىشى، يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، ساۋ چۇڭنىڭ پىلنى جىڭلىشى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ... رەسىمگە قاراپ تۇراقلىق ئىبارىنى پەرەز قىلىش ھالقىسىدا، 20 كىچىك دوست تەرتىپ بويىچە سەھنىگە چىقىپ، خىزمەتچى خادىملار سىزغان رەسىمگە ئاساسەن، تۇراقلىق ئىبارىلەرنى ناھايىتى تېزلا تېپىپ، سۇ تاپانچىسىغا ئېرىشتى.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تومۇز، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، بالىلار رەسىمگە قاراپ تۇراقلىق ئىبارىلەرنى پەرەز قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

  شۇ كۈنى، تومۇز ئىسسىق بولۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئىككى داس ماش شورپىسى ئەكىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىچىپ ئىسسىقنى ياندۇرۇشىغا سۇندى. ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىكى دوختۇرلار ئاھالىلەرگە يازلىق كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى ھەمدە «تومۇز چاپلىقى»نى چاپلاپ بەردى.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تومۇز، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، خىزمەتچى خادىملار قاينىتىپ تەييارلانغان ماش شورپىسىنى كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە سۇنماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تومۇز، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى تاۋۇز يېيىش مۇسابىقىسىدە، بىر ئوغۇل بالا كىچىك ھەمراھلىرىنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

  «تاۋۇز يېيىش جېڭى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن «شادلىق سۇ چېچىش بايرىمى» باشلاندى. كىچىك دوستلار ھەر خىل سۇ تاپانچىسى، سۇ بوتۇلكىلىرى، ھەتتا سۇ كۆلچىكىگە سۇ تولۇقلايدىغان سۇ تۇرۇبىلىرىنى تارتىۋېلىپ، شادلىق سۇ چېچىش ئويۇنىنى باشلىۋەتتى. بىر قىسىم مەھەللە خىزمەتچىلىرىمۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي، ئۇلارغا قوشۇلۇپ، بالىلارنىڭ سۇ تاپانچىسى بىلەن «قوغلاپ پۈركۈشى»گە تۇتۇلدى.

  زۇلپىقار ئابدۇرېھىم ناھايىتى تېتىك بولۇپ، تاۋۇز يېيىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، سۇ تاپانچىسىغا ئېرىشتى، ئاندىن كۆلچەكنىڭ پايدىلىق ئورنىنى ئىگىلەپ، سۇ ئالغىلى كەلگەن دوستلىرىغا سۇ چېچىپ، پۈتۈن بەدىنىنى ھۆل قىلىپ بۇ ئويۇنغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. «بۇ قېتىمقى سۇ چېچىش پائالىيىتى بەك كۆڭۈللۈك بولدى، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، شۇنچىلىك سالقىندىدىم!» كىچىك قىزچاق سۈمەييە ئابدۇنەبى سۇ چېچىش جېڭىدە پۇخادىن چىققۇچە ئوينىدى.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تومۇز، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، ئۇچىسىغا 10-نومۇرلۇق توپ كىيىمى كىيگەن زۇلپىقار ئابدۇرېھىم كۆلچەكنى ئىگىلەپ، كىچىك دوستلىرىغا سۇ چاچماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تومۇز، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بالىلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن سۇ چېچىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن مۇنداق دېدى: بۇ مەھەللىدە 11 ئاھالىلەر ھويلىسى بار. مەھەللە 24 مەۋسۇم، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قاتارلىق تۈگۈنلەردە يۈز ئائىلە زىياپىتى قاتارلىق ئالاھىدە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ھەر مىللەت ئاھالە بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىش قىلىپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.