تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئۇلار كەنتتە تۇردى، تېخىمۇ مۇھىمى كەنتكە ياردەم بەردى پوسكامدىكى كىچىك كەنتتىكى «شېرىن كەسىپ»كە نەزەر

      پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاچقۇچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسى كۈيباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەۋقەنى ئۆز كەنتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا بېيىش يولى ھازىرلاپ بەردى.

    7-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يېزا كۈيباغ كەنتىدىكى «كۇيجىشياڭ» سوقماق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئون نەچچە ئىشچىنىڭ شېكەر قاينىتىش، بېسىش، كېسىش، قاچىلاش قاتارلىق ھەر بىر ئىش تەرتىپىنى پىششىق ماسلىشىپ تاماملاۋاتقانلىقىنى، ھاۋانى شېكەر ۋە ھەر خىل قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ مەززىلىك ھىدى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. تۇخان ھوشۇر بۇ ئىشچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆيىدە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ياشانغانلار ۋە بالىلار بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قالغانىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى سوقماق زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.
    پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسى كۈيباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇخان ھوشۇر مۇنداق دېدى: «ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا بۇ سوقماق زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەن كېلىپ ئىشلىدىم. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇستىلارنى بىزگە سوقماق ياساش ھۈنىرىنى ئۆگىتىپ قويۇشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلدى، مەن بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم».

    بۇ يىل 3-ئايدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، پوسكام ناھىيەسى «كۈيشياڭ» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چاڭ-توزانسىز يېمەكلىك سېخى، ئاپتوماتلاشقان ئاقما لىنىيەلىك سوقماق پىششىقلاش ئۈسكۈنىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالى قۇرۇپ، شۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلدى. ھازىر بۇ زاۋۇت نورمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر كۈنى 170 كىلوگىرامدىن ئارتۇق سوقماق ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كۈيباغ يېزىسى كۈيباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى خۇاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: «بىز كەنتتىن ماتېرىيال ئېلىشنى ئويلاشتۇق، بىزدە ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن پايدىلانغىلى بولىدۇ، خوتەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇستام تەكلىپ قىلىپ ئادەملىرىمىزنى تېخنىكا ئۆگىنىشكە يېتەكلىدۇق».
    كۇيجىشياڭ سوقماق زاۋۇتىنىڭ قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدا پىلان چېرتيوژىدىن رېئاللىققا ئايلىنىشى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ «ئىستىھكامغا بۆسۈپ كىرىشى»دىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئارقا تىرەك بولغان ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، زاۋۇت بىناسى سېلىش، سېتىش يوللىرىنى ئېچىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ھالقىلاردا ئاپتونوم رايونلۇق ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كۈيباغ كەنتىدىكى دېھقانلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىپادىلەندى.

    «ئارقا تىرەك ئورۇن كاپالەتلىك قىلغاچقا، بىزنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىمىمىز مۇقىملاشتى، باشقا كىرىم يارىتىشتا تور چولپانلىرىمىزنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشىغا ۋە تاللا بازارلىرىغا مال كىرگۈزۈپ سېتىشقا تايىنىمىز» دېدى خۇاڭ ۋېنتاۋ.
    كەنتتىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھسۇلات سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، مەخسۇس «كۇيجىشياڭ» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، مەھسۇلات سۈپىتى ئارقىلىق داڭلىق ماركا ئوبرازى يارىتىپ، داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچى ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.

    خۇاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: «كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشتا ئالدى بىلەن سۈپەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كۇرسلۇق مەھسۇلات ئېففېكتىنى چىقارغىلى بولىدۇ، كەلگۈسىدە بىز كۇرسلۇق مەھسۇلاتنىڭ پايدىسىدىن كەنت ئاھالىلىرىنى بەھرىمەن قىلالايمىز».
    ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كۈيباغ يېزىسى كۈيباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كۈيباغ كەنتىنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپى بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميىنى تومپىيىپ، تۇرمۇشى ياخشىلاندى، تەبەسسۇمى كۆپەيدى، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولى تېخىمۇ مۇقىم بولدى.

(پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ خۇاشيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.