تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قۇتۇبىدا تۇنجى ئېڭىزغا تېرىلغان چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ھوسۇلى ئۆلچەندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لۇڭيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى قۇتۇبى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ زەمبۇرۇغ ئوتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنىك خادىملارنى تەشكىللەپ، ۋۇگۇڭتەي بازىرى داچۈەن كەنتىدىكى تېرىلغىنىغا 50 كۈن بولغان چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ھوسۇلىنى ئۆلچىدى، ئۆلچەش ئارقىلىق تۇنجى ئېڭىزغا تېرىلغان چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 6.33 توننىغا يەتكەنلىكى ئېنىقلاندى، پۈتۈن يىللىق مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 18 توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ۋاڭ يۇڭچىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.