تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قەشقەر ۋىلايىتى «كوئېنلۇن مەدەنىيىتى» باش تېما كۆرگەزمىخانىسى ئېچىلدى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جەزىرە نىسبېك خەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى كوئېنلۇن مەدەنىيىتى پەن-مائارىپ تەتقىقات بازىسى ئېچىلدى، بۇ «كوئېنلۇن مەدەنىيىتى» باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمىخانا. 

   بۇ كۆرگەزمىخانىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5244.79 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەن، كوئېنلۇن يىلتىزى، كوئېنلۇن ئاساسى، كوئېنلۇن نۇرى ۋە كوئېنلۇن روھىدىن ئىبارەت تۆت كۆرگەزمە رايونى ۋە بىر ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش رايونى بار، كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى ۋە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي مۇساپىسى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ، تاماشىبىنلارغا كوئېنلۇننىڭ كۆپ ئۆلچەملىك ئادىمىيەت ۋە جۇغراپىيە تەسىراتى نامايان قىلىنغان. 

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئەزىز مېھمانلار قەشقەر ۋىلايىتى كوئېنلۇن مەدەنىيىتى پەن-مائارىپ تەتقىقات بازىسىدا «جاھاندىكى كوئېنلۇن-كوئېنلۇن ئادىمىيەت جۇغراپىيەسى مەخسۇس كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

گۈلنۇر ئەركىن فوتوسى 

   كوئېنلۇن مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ كۆرگەزمىخانا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوئېنلۇن مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە پامىر ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، كوئېنلۇن مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنى ئېچىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. 

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە «شىنجاڭ كوئېنلۇن مەدەنىيىتى توپلىمى» ئېلان قىلىندى. بۇ توپلام قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوئېنلۇن مەدەنىيىتى ۋە قەدىمىي يىپەك يولى بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى قىممىتىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللىك، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. 

    «قەشقەردە كوئېنلۇن مەدەنىيىتى باش تېما قىلىنغان بۇنداق كۆرگەزمە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى كوئېنلۇن مەدەنىيىتى ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو مەدەنىيلىكى، شۇنداقلا جۇڭگو مەدەنىيلىكى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ئالاقىسىنى مەركەزلىك نامايان قىلىش بىلەن بىللە، كوئېنلۇن مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ» دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر شۆيۈەنى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ شىنخۇا. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.