تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش «ئەڭ ئەرزان» كۈتۈنۈش ئۇسۇلىمۇ؟ لېكىن بۇ بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

 ھەر يىلى تومۇز كۈنلىرى 

دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلىنىدۇ 

بەزىلەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش مۇسبەت قۇۋۋەتنى تولۇقلايدۇ، نەملىكنى يوقىتىدۇ دېسە، 

بەزىلەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دەيدۇ، قاتارلىقلار

لېكىن يەنە بەزىلەر 

 دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش جەريانىدا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان دوستلار بار، دەيدۇ! 

تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشنىڭ زادى قانداق پايدىسى بار؟ 

كونكرېت قانداق ئاپتاپقا سېلىش كېرەك؟

قايسى كىشىلەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشقا ماس كەلمەيدۇ؟ 

تېز كېلىپ كۆرۈپ باقايلى~ 

تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىپ كۈتۈنۈش كۆرسەتمىسى 

1.قايسى ۋاقىتتا دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك؟

    تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشنىڭ ۋاقتى سائەت 9:00 ~ 7:00غىچە ياكى 15:00دىن كېيىن بولسا بولىدۇ، قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغاندا ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئالدىغا ياكى ئارقىغا سۈرۈشكە بولىدۇ. ھەر كۈنى ئاپتاپقا قاقلانمىسىمۇ بولىدۇ،  كۈن ئاتلاپ بىر قېتىم ئاپتاپقا قاقلانسىلا بولىدۇ.

   دىققەت: دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا سەل تەرلىسىلا بولىدۇ، قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكۈچە قاقلىنىشقا بولمايدۇ. ئەگەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا تەر كۆپ چىقسا ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، ئۇسساش، باش ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

2. دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشتا قايسى جاينى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك؟ 

   تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا ئاساسلىقى دۈمبىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تۆۋەن قىسمىغىچە بولغان قىسىمنى ئاساس قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ئومۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دوۋساق تومۇرى پەللىسى ئاساس قىلىنىدۇ. 

  داجۇي پەللىسى: دۇمەي تومۇرى پەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، 7-بويۇن ئومۇرتقىسى بىسلىق ئۆسۈكچىسىنىڭ ئاستىدىكى ئويمان جايغا جايلاشقان. 

   ئومۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دوۋساق تومۇرى پەللىسى: ئومۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تۆۋەن قىسمىغىچە، تەخمىنەن تاغاق سۆڭىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن بەل قىسمىغىچە بولىدۇ. بۇ پەللىلەر فېيشۇ، شىنشۇ، گەنشۇ، پىشۇ، شېنشۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

مىڭمېن پەللىسى: كىندىكتىن ئارقىغا گورىزونتال سىزىق سىزغاندا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بىلەن كېسىشكەن ئورۇن مىڭمېن پەللىسى بولىدۇ. 

3. دۈمبىنى ئاپتاپقا قانچىلىك ۋاقىت سېلىش كېرەك؟ 

قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر قېتىم 30 ~ 15 مىنۇت دۈمبىنى ئاپتاپقا سالسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

ياشانغانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ۋىتامىننى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن بىر قېتىمدىلا بەك ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا سېلىشقا بولمايدۇ، سەل تەر چىقسىلا بولىدۇ. 

بالىلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولۇپ، بەدەن پەرقىگە ئاساسەن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. 

4. دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشتا قانداق ئەپچىل چارىلەر بار؟ 

ئاچ قورساق ھالەتتە دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشقا بولمايدۇ، ئاپتاپقا سېلىشتىن بۇرۇن ۋە ئاپتاپقا سېلىشتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ياكى ئازراق تۇز سېلىنغان سۇ ئىچىپ، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ خورىشىنى تولۇقلاش كېرەك. 

دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا، رەڭگى سۇس، نېپىزرەك ئازادە كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ. 

دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا، ئاپتاپتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ باش، يۈز، كۆزنى ياخشى قوغداش كېرەك، باش كىيىمى كىيىش ياكى كۈنلۈك تۇتۇش ئارقىلىق باش قىسمىنى قوغدىغىلى بولىدۇ، ئەگەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا دۈمبە يالىڭاچ بولسا، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈركەپ، ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

   دىققەت: يورۇقلۇققا سەزگۈر يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: بۇغداش، چىڭسەي، قىچا، بوسەي، يازلىق بەسەي، لىمون، ماڭگو قاتارلىقلارنى يېگەندىن كېيىن، كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىپ بولغاندىن كېيىن، تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، دەرھال يۇيۇنماسلىق ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ سالقىندىماسلىق، بەدەندىن تەر چىقمىغاندا ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش ياكى يۇيۇنۇش كېرەك. 

5. دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ 

دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى: 

نەملىك ئېغىر، مۇسبەت قۇۋۋەت ئاجىزلاپ كەتكەن (ئاشقازىنى سوغۇقتىن قورقىدىغان، پۇت-قولى مۇزلايدىغان، روھسىز)، قارشىلىق كۈچى ئاجىزراق كىشىلەر دۈمبىنى مۇۋاپىق ئاپتاپقا سېلىپ بەرسە سالامەتلىككە بەلگىلىك پايدىسى بار.

دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشقا ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر توپى:

ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى ئاغرىقلار، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى، ھامىلىدارلار دۈمبىنى ئاپتاپقا سالماسلىقى كېرەك. 

«شىنخۇا تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.