7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . چوڭ جىلغىسىنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ساياھەت تەسىراتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەربىر ساياھەتچىنىڭ بىخەتەر، ئازادە، گۈزەل ساياھەت مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىنى ۋاقىتلىق تاقاپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغانىدى.
تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . چوڭ جىلغىسى
دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى
دۆلەت تۇز دۆڭلۈك گېئولوگىيە باغچىسى
دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى ۋە دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى
تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ
ئېستېتىكا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان قىزىل قەۋەت جىلغىسى
جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ گۈزەل يارداڭلىق يەر شەكلى ئاجايىپ مەنزىرىسى دەپ ئاتالغان
ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تۇز كارست گېئولوگىيە مەنزىرىسىدۇر
تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىدا قۇم شەھىرى (1-دەرىجىلىك ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى رېپېتىتسىيە قىلىنماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
مەنزىرە رايونى ئېچىلغاندىن كېيىن
كۆپچىلىك
يەر شارىنىڭ گېئولوگىيەلىك مەنزىرىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىنى ھېس قىلالايدۇ
—— تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى. چوڭ جىلغىسىدا
ئەگەر ھەرقانداق مەسىلە ياكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز
ھەر ۋاقىت مەنزىرە رايونى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ
ساياھەت سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى: 6812996-0997
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى